تاجىكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

پارتلاشتا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 17 كىشى يارىدار بولدى.

526964
تاجىكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھاتلون رايونىدا بىر گاز قاچىلاش پونكىتىدا نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاپ، 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 17 كىشى يارىدار بولدى.

تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى گاز قاچىلاش پونكىتىدا يېقىلغۇ قاچىلاۋاتقان بىر ئاپتومىلغا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئوتنىڭ نېفىت ئاپتوموبىلىغا تۇتۇشۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىش ۋەقىسىنىڭ بولسا، يېقىلغۇ قاچىلاش ئەسناسىدا بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر