قاغىلىق ناھىيەسىدە لاي-لاتقا ئاپىتى يۈز بېرىپ 35 ئادەم قازا قىلغان

قاغىلىق ناھيىەسىگە قاراشلىق 6 يېزىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان لاي-لاتقا ئاپىتىدە 35 ئادەم قازا قىلغان.

525469
قاغىلىق ناھىيەسىدە لاي-لاتقا ئاپىتى يۈز بېرىپ 35 ئادەم قازا قىلغان

قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق قاغلىق ناھىيەسىدىكى 6 يېزىدا 6-ئىيۇلدا لاي-لاتقا ئاپىتى يۈز بېرىپ 35 ئادەم قازا قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاغلىق ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن لاي-لاتقا ئاپىتىدە 35 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەب بولغان لاي-لاتقا ئاپىتى 6 يېزىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار بىنالارغا، دوختۇرخانىلارغا ۋە قاتناش يولللىرىغا زىيان بەرگەن.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر