قازاقىستان: ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ‹سەلەپىيلەر› نى پاش قىلدۇق

قازاقىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر تۈركۈم ‹سەلەپىي› لەرنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

521248
قازاقىستان: ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ‹سەلەپىيلەر› نى پاش قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى باشلىقى ۋىلادىمىر جۇماخانوف بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، قازاقىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بىر تۈركۈم سەلەپىلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ‹يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى ئىشلىتىپ تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىش› نى پىلانلاۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى، گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلىۋالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى باشلىقى ۋىلادىمىر جۇماخانوف، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 6 ‹سەلەپىي› نىڭ  مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر