ئەزەربەيجان: ئاپرېلدا ئەرمېنىيەنى ھالسىرتىپ زور غەلبىگە ئېرىشتۇق

ئەزەربەيجان پىرىزېدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بۇ يىل ئاپرېلدا ئەرمېنىيە بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇشتا زور غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

518301
ئەزەربەيجان: ئاپرېلدا ئەرمېنىيەنى ھالسىرتىپ زور غەلبىگە ئېرىشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرىزېدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا ئەزەربەيجاننىڭ زور غەلىبىگە ئېرىشىپ تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98-يىللىقى مۇناسۋىىتى بىلەن ئوفېستىرلار ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان قونالغۇلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەلىيېۋ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى سەپ لىنيەسىدە يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي توقۇنۇشلار بۇ كۈچىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كۈچلۈك ئارمىيە ھېسابلىنىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىمۇ يۇقىرىدۇر.»

بۇ يىل ئاپرېلدا ئەرمېنىيەنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي بازىلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتقان ئەلىيېۋ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ئشىغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلدى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئالاقىدار دۆلەت ۋە ئورۇنلارغا مۇھىم سىگنال بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەرمېنىيە بۇ مۇساپىنى ئەبەدىي مۇساپىدەكلا كۆرۈۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالنى پەقەتلا ئۆزگەرتكۈسى يوق، خەلقئارانىڭ بېسىمى كۈچەيسىمۇ ئەرمېنىيە يەنىلا قەستەن جېدەل چىقىرىۋاتىدۇ.»

ئاپرېل ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئەرمېنىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر نەچچە شەرتلەرنى قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ئەلىيېۋ سۆزلىرىنى  داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ شەرتلەرنىڭ ھېچقايسىسى قوبۇل قىلىنمىدى، چۈنكى ھېچكىم بىزگە شەرت قويالمايدۇ. ئەرمېنىيە دائىرلىرى سۆھبەتلەر توختىتىپ قويۇلسا  ياكى توڭلىتىپ قويۇلسا ئۆزلىرىنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.»

تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەلىيېۋ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «تاغلىق قاراباغقا ھېچقاچان مۇستەقىللىق بېرىلمەيدۇ، تاغلىق قاراباغنىڭ سالاھىيىتى كېيىنكى مەسىلە، مەلۇم جەھەتتىن ئاپتونوم سالاھىيىتى بېرىلىشى مۇمكىن، بىراق تاغلىق قاراباغقا بېرىلىدىغان سالاھىيىەت دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر