تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەسىس قىلىندى

تۈركىيەدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى (سىناق) ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

514607
تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەسىس قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەرنى بېسىپ تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ناملىق يېرىم يىللىق ئىلمىي، سىياسىي، تارىخىي، ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ تۇنجى (سىناق) سانى 2016 – يىلى ئىيۇندا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ «مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئورتاق شوئارىنى ئۆزىگە شوئار قىلغان ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا «مۇھەررىردىن»، «رامىزان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» ناملىق رامىزان توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالە، مىركامىل كاشىغەرىنىڭ «ئەللا مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى» ناملىق ئىزدىنىش ماقالىسى، «ئىمان ۋە مۇھەببەتكە تولغان بىر ھېكايە» ناملىق بىر روماننىڭ بىرىنچى بۆلۈمى، پىروفېسسور بەدرى گەنجەرنىڭ «ئىنساننىڭ جەننەتتىن ئىككىنچى قېتىم چۈشۈشى» ناملىق ماقالىسى، مايكېل ر.درۇمپنىڭ «تۈركلەر تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگو‹خاقانلىرى›» ناملىق ماقالىسى، كوممۇنار تالىپنىڭ «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى، سەۋدايىنىڭ «قان ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق پوۋىسىتى، ئابدۇلجېلىل تۇراننىڭ «تەقىيۇددىن نەبھانى ۋە ‹ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامى› نىڭ قۇرۇلۇشى» ناملىق ماقالىسى، ھەسەن ھۇسەيىن ئادالىئوغلۇنىڭ «سىياسەتنامە كىتابى – قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ماقالىسى، ئەمىن ۋاھىدىنىڭ «ئەسلەتمە» ناملىق خاتىرىسى قاتارلىقلارغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 160 بەتتىن تەركىپ تاپىدۇ.

ژۇرنالنىڭ ساھىبى ۋە باش مۇھەررىرى ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندى، ژۇرنالنى تەسىس قىلىش پىكرىنىڭ شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەشرى ئەپكارغا ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنىڭ چوڭقۇر ھېس قىلىنغانلىقى، بۇ ھەقتە ژۇرنالنىڭ «مۇھەررىردىن» بۆلۈمىدە ئەتراپلىق توختالغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلار قوشۇنى كۈنسېرى زورايماقتا، بۇ قوشۇننىڭ ژۇرنىلىمىزنى ھەر خىل ژانىېردىكى ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ژۇرنالنى بىز نەشىر قىلغان بولساقمۇ، ئۇ ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ ژۇرنىلى... شۇنداق بولغانىكەن بۇنى ھەم سۈپەتلىك ھەم ئۇزۇن مۇددەت چىقىرىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇچى، دەپ قارايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر