تايلاند دائىرىلىرى 70 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تايلاند دائىرىلىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىسپاتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشىم بويىچە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

502975
تايلاند دائىرىلىرى 70 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ساۋىپ نېتنىيوم باڭكوك پوچتىسى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «چېگرادىن كىرگەن خىتاي نوپۇسىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئەسلىدىكى يۇرتىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، تايلاندنىڭ جىنايەتچىلەرنى قوللىمايدىغانلىى» نى ئېيتقان. ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاي تەرەپ يېتەرلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تايلاندنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مۇساپىرلار كومىتېتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خەلقئاراغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلار ئوچۇق خېتىدە، خىتايغا قايتۇرۇلغىنىدا ئېغىر تەن جازاسى ۋە قاماق جازاسىغا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر ياكى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغىچە ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇلار يەنە، بۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسىمۇ نىيەتلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، كەسكىن ۋە روشەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن.

بەزى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ھازىر تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغىلى ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى، ئەگەر خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بۇنىڭغا جىددىي كۆڭۈل بۆلمىگەن ئەھۋالدا بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر