PKK ئەرمېنىيەگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ

تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK مىلىتانلىرىنى ئەزەربەيجانغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ئەرمېنىيەگە ياردەمگە ئەۋەتتى.

466858
PKK ئەرمېنىيەگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK قوراللىق مىلىتانلىرىنى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىشغال قىلىۋېلىنغان تاغلىق قاراباغ رايونىدا ئەرمېنىيەگە ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي ئىراققا جايلاشقان قەندىل تېغىدىكى ئۇۋىلىرىدىن ئەرمېنىيە سېپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىش ئۈچۈن تاغلىق قاراباغقا يېتىپ بارغان 400 كىشىلىك تېررورلۇق گۇرۇپپىسى پارتلىتىش ۋە پارتىزانلىق جەھەتتە ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن تېررورىستلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر