ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى مەۋسۇملۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، كونا دەرسلىكتىكى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

453046
ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈندىدار تورىدا 12- مارت ئېلان قىلىنغان: «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەلەپ قىلىمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، كونا ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ مۇندەرىجىسى بىلەن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىكى مۇندەرىجىسىنىڭ فوتوكوپىيەسى بېرىلىپ، يېڭى دەرسلىكتە چىقىرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تونۇلغان يازغۇچى، ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئەينەن كۆرسىتىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنغان. «مالالا» تەخەللۇسلۇق تورداش تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا يېزىلغان ماقالىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنىپ: «ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر كۈندە ئاران بىر سائەتلا ئانا تىل دەرسىدىن ساۋات ئالىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زاماندا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چىقىرىۋېتىلسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇر ئەپسانە-رىۋايەت، تارىخلىرىدىن ساۋاتسىز قالمامدۇ؟! ھازىرقى شارائىتتا ئەۋلادلىرىمىز خىتايچە دەرسلىكتىن قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى، خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنسە بولىدىغۇ؟! چۈنكى ھۆكۈمىتىمىز بۇ شارائىتنى ھازىرلىدى، ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئاز بولغان ئانا تىلى ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەمۇنىلەر ئازايتىۋېتىلسە، 50 يىلدىن ھەتتا 100 يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟» دېيىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكىدىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كىلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ قاتتىق ئىنكاس، غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر