مۇئاۋىن باش مىنىستىر قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش بىرلەشمە ئىقتىساد يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا يېتىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ماناس ئۇنىۋېرستېتىدا تۈركىيەنىڭ بىشكەكتىكى باش ئەلچىسى مەتىن قىلىچ، قىرغىزىستان مۇئاۋىن ئىقتىساد مىنىستىرى قىلىچبېك جاكىپوۋ، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. نۇمان كۇرتۇلمۇش بۇ قېتىمقى قىرغىزىستان زىيارىتىدە، تۈركىيە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تىكا (TİKA) ۋە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ھازىر قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بەزى لايىھەلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ.
نۇمان كۇرتۇلمۇشنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئوردۇ ۋىلايىتىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئىھسان شەنەر ھەمراھ بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.