ۋىيېتنام چېگراسىدا 1 كىشى ئېتىۋېتىلدى، 21 كىشى تۇتقۇن قىلىندى

خىتاي ساقچىلىرى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىغا يېقىن جايدا چېگرادىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 1 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى، 21 ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى.

212367
ۋىيېتنام چېگراسىدا 1 كىشى ئېتىۋېتىلدى، 21 كىشى تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گۇاڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قانۇنسىز ھالدا ۋىيېتنامغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان «دىنىي رادىكاللار» دىن بىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 21 ىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

چوڭزۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر «رادىكاللار» نىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خىتاي دۆلەت مېدىياسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ۋە يۇرتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقى دۇنيا مېدىياسىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

چوڭزۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرىشىچە، ساقچىلار يەكشەنبە كۈنى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ پىڭشىياڭ شەھەر چېگراسى ئارقىلىق ۋىيېتنامغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇلار ئولتۇرغان ئىككى ماشىنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. گۇرۇپپا ئىچىدىكى بىر كىشى بىر ساقچىغا ئېتىلغاندا، ئىككىنچى بىر ساقچى تەرىپىدىن دەرھال ئېتىپ تاشلانغان.

ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ۋەزىيىتى تىنچ بولمىغان ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ – كىچىك ھەر خىل ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، يۈزلەرچە ئادەم ئۆلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش نىيىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىسلامىي كۈچلەرنى ساقىلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ جاۋابكارى، دەپ كەلمەكتە.

2014- يىلى 12- مارتتا تايلاندتىكى بىر دەرەخزارلىقتا 220 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالدى. تايلاندتىكى شارائىتى ناھايىتى ناچار بىر لاگېردا ھازىرغىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇرلار خۇسۇسەن سالامەتلىك جەھەتتە ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تايلاند دائىرىلىرى قانۇنسىز كۆچمەنلىككە ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تايلاند باش مىنىستىرى پرايۇت چان ئوچا بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئارىسىدا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك بويىچە دىيالوگ ئورنىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر