فىرانسىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر پارىژ ئېيفىل مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تروكادېرو مەيدانىغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى. نامايىش ئەسناسىدا كىچىك بىر بالا شېئىر ئوقۇدى.
نامايىشنى پارىژدا ياشايدىغان تىبەت ۋە ۋېيىتناملىق دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىمۇ قوللىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېسىم، زوراۋانلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىسە؛ بېيجىڭ دائىرىلىرى، كىرىزىسنىڭ «ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇق مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي، خەلقئارا مۇنبەرلەردە كۆپلەپ ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇنىڭدىن بىر يىلچە ئىلگىرى خىتاينىڭ بېسىمىدىن قاچقان 300 ئۇيغۇر تۈركى تايلاندتىكى بىر دەرەخزارلىقتا ئاچ ۋە ئۇسسۇز ھالەتتە تېپىلغانىدى.
مەزكۇر ئۇيغۇرلار خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، ئوققا تۇتۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تۈركىيە، تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.