گۇما ناھىيەسىدە قانلىق ۋەقە چىققان

10 – چېسلا چۈشتە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.

155304
گۇما ناھىيەسىدە قانلىق ۋەقە چىققان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېيبو تورىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10 – چېسلا گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ ساقچى خادىمى پەرىدە كىرەم، ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كونا بازاردا موتوسىكلىتقا مىنىۋالغان ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
خەۋەردە، ئۆلگۈچىنىڭ سەپداشلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «ئۇ ئىككى ئايلىق ھامىلە ئىدى» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
10 – چېسلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر