غەربىي تىراكيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ
تۈركىيە داۋاملىق غەربىي تىراكيا تۈركلىرىنى قوللىماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي تىراكيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە داۋاملىق غەربىي تىراكيا تۈركلىرىنى قوللىماقتا.
«ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە غەربىي تىراكيا تۈركلىرى» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 23 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان يىغىندا، غەربىي تىراكيا تۈركلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە سىرتىدىن قوللاۋاتقانلارمۇ بار بولۇپ، يىغىنغا ئاتىنا سەلانىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار بىلەن سوفىيە بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئالىملار ئىشتىراك قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 23 – ئۈر كۈنى باشلىنىدىغان يىغىن، ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.