قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستاننىڭ 11 ئۆلكىسىدە پالاتا سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلدى، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 10 دا باشلىغان بېلەت تاشلاش بىر سائەت داۋاملاشتى.

145947
قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، 166 چەتئەللىك كۆزەتكۈچى نازارەت قىلغان سايلاملاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېچقانداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. 32 ۋەكىل سايلىنىپ چىقىدىغان سايلاملارنىڭ رەسمىي نەتىجىسى قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

قازاقىستاندا 1995- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇلغان پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە كۆرە، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى پىرېزىدېنتنىڭ تەستىقىسىز پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدۇ. قازاقىستاندىكى قوش پارلامېنتلىق قانۇن چىقىرىش سىستېمىسىدە تەيىنلىنىدىغان تۆۋەن پارلامېنتلار قانۇننى ھازىرلايدۇ، يۇقىرى قانات تەستىقلايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ. پارلامېنتنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئەزالىرى رايونلۇق پارلامېنتلار ياكى پىرېزىدېنت تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر