«بۇ ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلىشتۇر»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

142459
«بۇ ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلىشتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر، «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ، خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ھەممىگە نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رابىيە قادىر جازاغا «ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلىشتۇر» دەپ باھا بەردى ۋە جازانىڭ ھەم ئۇيغۇرلارغا ھەم پۈتۈن دۇنياغا دوئېل ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قارار بېرىلدى» دېگەن رابىيە قادىر، ئىككىنچىلەپ بۇنداق ھەق – ھوقۇق ئىزدەشنىڭ كويىغا كىرمىسۇن، دەپ بۇ كىشىلەرنى ئۈركۈتمەكتە، قورقۇتماقتا، دېدى.

ئىلھام توختىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭمۇ بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىملىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، كېلەچەكتىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان رابىيە قادىر، خەلقئارا سەھنىلەردە ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر