رابىيە قادىر:«ئىلھام توختىنىڭ جىنايىتى يوق»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

141701
رابىيە قادىر:«ئىلھام توختىنىڭ جىنايىتى يوق»


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە  قادىر، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا داۋاملىشىۋاتقان «1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رابىيە قادىر خىتايدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئۈستىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جازا قارارى ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەق – ھوقۇق ئىزدىنىدىغان ئىشلارنى قىلمىسۇن، دەپ پۈتۈن ئىنسانلارنى چۆچۈتمەكچى ۋە قورقۇتماقچى» دېدى.
رابىيە قادىر، ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى، بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان رابىيە قادىر، «ئىلھام توختىغا بېرىلگەن بۇ ناھەق جازا بىرىنجى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا نېمىلەرنى قىلماقچى بولۇۋلاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەردى. بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىمىزدە نەقەدەر راستچىل ئىكەنلىكىمىز ئوتتۇرىغا چىقتى. تىنچ يوللار بىلەن ھەق - ھوقۇقىمىزنى تەلەپ قىلساقمۇ، خىتاينىڭ بىزگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا دۇنيا جامائەتچىلىكى بىزگە ئىشەنمەيتتى. مانا ئەمدىلىكتە بۇ بىر ئۆرنەك بولدى. ئىلھام توختى ۋەقەسى بىلەن تەڭ دۇنيامۇ بىزگە ئىشنىدىغان بولىدۇ» دېدى.
رابىيە قادىر خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چوڭ ھەرىكەت باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر