بۈگۈردىكى پارتلاش ۋەقەلىرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگنېتلىقى 21 – چېسلا بۈگۈردە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىدە 50 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى.

139968
بۈگۈردىكى پارتلاش ۋەقەلىرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇانىڭ يەرلىك مەنبەلەردىن نەقىل ئېلىنغان تۈنۈگۈنكى (25 – چېسلا) خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈر ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىدە ھۇجۇمچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 40 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئالتە پۇقرا ۋە تۆت ساقچى ئۆلگەن، 54 ئادەم يارىلانغان.
21 – سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى كەچ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن پارتلاشلارنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە ئېلان قىلغان شىنخۇا، دەسلەپكى خەۋىرىدە «ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
يەرلىك دائىرىلەر، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ «تەشكىللىك پىلانلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمچىلارنىڭ بەزىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ پارتلاشتا ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى. ساقچى دائىرىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن مەمەتتۇرسۇن ئىسىملىك كىشىنىڭ ۋەقەگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21 – چېسلا يەكشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، رايوندا ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنىدى.
ئىيۇل ئېيىدا يەكەن ناھىيەسىدە ساقچىلار بىلەن يەرلىكلەرنىڭ توقۇنۇشى نەتىجىسىدە 37 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 59 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى قاتارلىق بەزى جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىۋاستە «رادىكال گۇرۇپپىلار» غا باغلايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيدۇ. يەنە كېلىپ، رايوندا خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى تەشكىلات ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا «بىخەتەرلىك» سەۋەب قىلىنىپ كۆرسىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈشتە بولالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا دۆلەت مىقياسىدا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نامى ئاستىدا قاتتىق زەربە بېرىشنى باشلىدى. «بۆلگۈنچى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك جەمئىيەتكە ئاشكارىلانمايدۇ، ئەمما بېرىلگەن جازالار ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر رەسمىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر