خىتاي ھۆكۈمىتى، 210 تۈرلۈك «پاكىت» نى ئاخباراتقا تارقاتتى

خىتايدا بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى مەسىلىسى كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

138085
خىتاي ھۆكۈمىتى، 210 تۈرلۈك «پاكىت» نى ئاخباراتقا تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ھۆكۈمنامىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا  ئەرز سۇنۇشى بىلەن تەڭ، ھەيران قالارلىق قەدەملەردىن بىرنى تاشلىدى.

تەپتىش مەھكىمىسى، ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا دائىر 210 پارچە «پاكىت» نى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تارقىتىپ بەردى. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى بولسا، ئېتىراز ئىلتىماسى بىلەن بىرلىكتە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قىلمىشىغىمۇ ئېتىراز بىلدۈردى.

ئادۋوكات «پاكىت» لارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلمەي تۇرۇپ، يۇقىرى سوتنىڭ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىشىدىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىشىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئادۋوكات لى فاڭپىڭ، پاكىتلاردا تۇراقسىزلىقلارنىڭ بارلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ سۆزلىرىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىقتىساد پىروفېسسورى ئىلھام توختى، بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر جازاغا، يەنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا تەنقىد قىلىش بىلەن تونۇلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازاغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ دىققەتنى تارتىشى ئۇنىڭ مۆتىدىل پىكىرگە ئىگە بولۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

غەرب ئەللىرى، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلەرگە بېرىلگەن جازانىڭ ئەسلىدىلا ۋەزىيىتى جىددىي بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر