بۈگۈر ناھىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرىق يېزا بازىرىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلدى ۋە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

134141
بۈگۈر ناھىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21 – چېسلادىكى خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرىق يېزا بازىرىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ئادەم يارىلانغان.

خەۋەردە، ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەنلىكى ۋە يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر