ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشلىدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن (20/09/2014) ئىستانبۇلدا باشلىدى.

132509
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا -  فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى قاپې مەۋلىۋىخانىسى ھويلىسى يىغىن زالىدا باشلىدى.

 ئىگىلىنىشىچە، 2 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا داڭلىق دورىگەرلىك تەتقىقاتچىسى در. رىشات ئابباس «پەن – تېخنىكا ۋە پۇرسەت» دېگەن تېمىدا؛ در. مۇھەممەد ئابلا «ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنى رەقەملىك مۇھىتتا مۇھاپىزەت قىلىش» دېگەن تېمىدا؛ پىروف.در. ۋەدات بۇلۇت «ئۇيغۇر تىبابىتىگە نەزەر: ئاتا ساغۇندىن زامانىۋىي دورىگەرلىككە كۆۋرۈك» دېگەن تېمىدا؛ تۈركىيە  پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى باش مۇتەخەسسىسى فاتىھ شاھىن «ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە كارخانىچىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق ۋە ياردەم ۋاستىلىرى» دېگەن تېمىدا؛ در. مەغفىرەت يۇنۇسئوغلۇ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال شەخىسلەر» دېگەن تېمىدا؛ در. ئاينۇر ئابدۇرازاق سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە ئاساسەن «دېڭىز ئاستىدا ياشاش ئىمكانلىرى» دېگەن تېما بويىچە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

بۇلاردىن باشقا يىغىندا يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتورلارنىڭ ھەر خىل تېمىلار بويىچە يېزىلغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن.

ئەسكەرتىش: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن يوللايدىغان خەەرلىرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ...

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر