ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئاخىرلاشتى

كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ۋە ئاكادېمىك ئىلھام توختى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان سوتتا، «بۆلگۈنچىلىك» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى كەسكىن تۈردە رەت قىلدى.

131472
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەنقىدىي كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان ئاكادېمىك ئىلھام توختى پەيشەنبە كۈنىدىكى سوتىدا «بۆلگۈنچىلىك» ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىلھا توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەنقىد قىلغان ئىلھام توختىنىڭ، ھەر دائىم «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە «بۆلگۈنچىلىك» كە ئائىت بىرمۇ ماقالىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالىغا دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى.
2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ۋەقەلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان «تېررورلۇق تەشكىلات» لار دەپ ئاتىغان گۇرۇپپىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىشىغا سەۋەب بولدى.
ئادۋوكات لى فاڭپىڭ سوتنىڭ يېپىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ئىلھام توختىنىڭ دۆلىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا تەۋە بولۇپ ياشىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. لى فاڭپىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىلھام توختى ئۆزىنى ئاقلاپ، سوتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشىنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى، قىلغان ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئىلھام توختى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۆلگۈنچى» لەرنى ئەيىبلىشىنى تەنقىد قىلىپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يانۋار ئېيىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى، ئىلھام توختىنى قاماققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىدىل ئاۋازلىرىنى جىمىقتۇرۇش ۋە دىيالوگ يولىنى خەتەرگە ئىتتىرىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئادۋوكات لى فاڭپىڭ سوت ھۆكۈمىنىڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ھەپتە ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر