ئىلھام توختى سوتلىنىۋاتقان ئەسنادا 4 ئۇيغۇر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنى سوتلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە يۈننەندە 4 ئۇيغۇر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

130184
ئىلھام توختى سوتلىنىۋاتقان ئەسنادا 4 ئۇيغۇر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

يانۋار ئېيىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان پىروفېسسور ئىلھام توختى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي ئۈرۈمچىدە سوتلانماقتا. سوتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنى ئاقلاشنى باشلىدى.

ئاقلىغۇچىلار، ئىلھام توختىنىڭ ماقالىلىرى ۋە دەرسلىرىدىن ئۈلگىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇددىئاسى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلەر ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختىنىڭ سوتتا سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىمۇ كۈتۈلمەكتە.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى، جىنايەت بېكىتىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئىلھام توختى پايتەخت بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دەرس بېرەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئىلھام توختى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

غەرب دۇنياسى ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى دېلوسىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

سوتقا پىروفېسسورنىڭ ئايالى ۋە يېقىنلىرى قاتناشتى، چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە 8 غەرب دۆلىتى دىپلوماتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

ئىلھام توختىنىڭ يانۋار ئېيىدا قولغا ئېلىنىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولۇپ، غەرب دۇنياسى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلغانىدى.

يۈننەندە 4 ئۇيغۇر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئىلھام توختى سوتلىنىۋاتقان ئەسنادا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خوڭخې رايونىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 4 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، 10 يىل بىلەن 20 يىل ئارىسىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتىمۇ 4 ئۇيغۇر كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىلىپ ئۆلۈم ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر