جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باكۇدا...

ئىككىنچى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت باكۇدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

113817
 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باكۇدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باكۇدا...
ئىككىنچى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت باكۇدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
ئەردوغاننىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدىن كېيىن ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئايرىم كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئەردوغان، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىدىمۇ، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچرىشىشلاردىمۇ ئەزەربەيجانغا بېرىلگەن ۋەدىلەر بار. بۇ ۋەدىلەرنى بۇ قېتىمقى ناتو يىغىنىدىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز. باشقا دۆلەتلەرگە بېرىلگەن ۋەدىلەر تەدرىجىي ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغىنىدەك، ئەزەربەيجانغا بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنىشىنىمۇ تەلەپ قىلىمىز، چۈنكى بۇ بىر لۇتۇپ، بىر ئىئانە ئەمەس، ئەكسىچە ھەقتۇر» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جەنۇبىي كاۋكاز تەبىئىي گاز كارىدورى قۇرۇلۇشى ئىش باشلاش مۇراسىمىنىڭ 20 - سېنتەبىر كۈنى باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان، كېيىنچە مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسى بىلەن ئەزەربەيجان شېھىتگاھلىقىنى زىيارەت قىلدى.
ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى تۈرك شېھىتگاھلىقى ئىدى.
شېھىتگاھلىقتا ھۆرمەتتە تۇرغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شەرەپ دەپتىرىگە، «مۇستەقىل ئەزەربەيجان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇش يولىدا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلدىڭلار، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزى تىكلەشنى نىشان قىلغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىڭلارنى تەقدىم قىلدىڭلار» دەپ يازدى.
ئەردوغان، ئەزەربەيجاندىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كاردىف شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر