مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى تۈركمەنىستاندا
پىرېزىدېنت قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان نابى ئاۋجى، مائارىپ ساھەسىدە تۈركمەنىستان بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.
پىرېزىدېنت قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان نابى ئاۋجى، مائارىپ ساھەسىدە تۈركمەنىستان بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
نابى ئاۋجى، تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا «ئاۋازا كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان مائارىپ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە خەلقئارا تۈركمەن – تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زېمىنىنى ھازىرلىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئاۋجى، كېلىشىمنىڭ يەنە مىنىستىرلار رەھبەرلىكىدە ئورتاق كومىتېت قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ كومىتېت ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىز تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالغا كېلىدۇ ھەمدە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ. كېلىشىمنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللارغا مۆھۈرىنى باسىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر تارىخىي ھۆججەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.