ئەردوغان بىرىنچى بولۇپ قىبرىس ۋە ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ
12 – جۇمھۇر رەئىس ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلگەن زىياپەتتە، گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 12 – جۇمھۇر رەئىس ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلگەن زىياپەتتە، گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 21 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىدىن كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەھبىرىنىڭ ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، 28 – ئاۋغۇست كۈنى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان يەنە، ئەنگىلىيەدە چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.