ئالتايدا بۆرىلەر ئادەم ۋە چارۋىلارغا ھۇجۇم قىلدى

مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 4 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتاينىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارا بۇلغۇن يېزىسىدا بۆرىلەر توپىنىڭ مال – چارۋا ۋە چارۋىچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

89408
ئالتايدا بۆرىلەر ئادەم ۋە چارۋىلارغا ھۇجۇم قىلدى

خەلق گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 4- 5 ئاچ بۆرە 11- چېسلا سەھەر سائەت 2 دە بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارا بۇلغۇن يېزىسىدىكى قويلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن چارۋىچىلار، بۆرىلەرنى قوغلاپ، قويلىرىنى قوغداشقا ئاتلانغان. نەتىجىدە بۆرىلەر توپى ئاھالىلەردىن ئالتە كىشىنى شۇنداقلا مال – چارۋىلارنى ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدە يارىلاندۇرغان. يارىلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئىككى كىشى ئۈرۈمچى ۋە بېيتۇن شەھەرلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.

جەنۇبى خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئورۇن ئالغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك دائىرىلەر، ساقچى ۋە ئوۋچىلاردىن تەشكىل تاپقان 30 ئادەمنى بۆرىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغان، لېكىن بۆرىلەرنىڭ ئىزى بايقالمىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۆرىلەر بۇ رايونغا قىش پەسلىدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ياز پەسلىدە ھۇجۇم قىلىشى يېڭى ئەھۋال ئىكەن.

ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا 5 مىڭدىن ئارتۇق مال – چارۋا بۆرىلەر تەرىپىدىن بوغۇپ تاشلانغان بولۇپ، كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئىقتىسادىي زىيان 10 مىليون يۈەنگە يەتكەن. خىتاي دۇنيادا بۆرە سانى ئەڭ كۆپ ئەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۆرىلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئىلى، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردە ياشايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۆرىلەر سانى قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن 1970- يىللاردىن كېيىن سۈرئەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر