داۋۇتئوغلۇ: ئىراق تۈركمەنلىرى ھەرگىزمۇ ئىگە چاقىسىز ئەمەس
ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپى رەھبىرى ئېرشاد سالىھى ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپى رەھبىرى ئېرشاد سالىھى ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەن سالىھىغا، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە تۈركمەنلەرنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
سالىھى تۈنۈگۈن ئالدى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مەسلىھەتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، ئارقىدىن كەچ تەرەپلەردە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، داۋۇتئوغلۇ، ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
داۋۇتئوغلۇ، ئىراق تۈركمەنلىرى نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا بۇنى قامداشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىراق تۈركمەنلىرى ھەرگىزمۇ ئىگە چاقىسىز ئەمەس، جۈملىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدىمۇ باشقا ھەرقانداق بىر ئورۇنغا ئىلتىماس سۇنۇشىنىڭ قىلچە ھاجىتىمۇ يوق» دېدى.
داۋۇتئوغلۇ، ئىراقتا ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان تۈركمەنلەر ئۈچۈن فىشابۇردا 40 مىڭ كىشىلىك بىر لاگېر تەشكىل قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.