داۋۇتئوغلۇ ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىتلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن 9 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

77160
 داۋۇتئوغلۇ ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىتلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن 9 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىكىدە تۈنۈگۈن ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپى رەھبىرى ئېرشاد سالىھىنى قوبۇل قىلغان داۋۇتئوغلۇ، ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 9 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى توغرۇلۇق توختالدى.
ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېلمار مەممەدياروۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، بۇنداق ئىغۋاگەرلىكلەرنىڭ قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، مەسىلىنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، «شېھىت بولۇپ كەتكەن 9 نەپەر ئەزەرى قېرىندىشىمىزغا خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىز نامىدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەمدە بۇ شېھىتلەر ئۈچۈن يۈرەك باغرىمىزنىڭ يارا ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر