ئىلھام توختى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بىر قانچە ئاي بويىچە ئادۋوكاتى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىدى.

75915
ئىلھام توختى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

ئىلھام توختى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى؛ ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بىر قانچە ئاي بويىچە ئادۋوكاتى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىدى.

ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بېيجىڭدا ئۇزۇن يىللار بويىچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئوقۇتقۇچى.

يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىلھام توختى، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ئىلھام توختى 1982- يىلىدىكى ئاپتونوم رايون قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئانا تىلدا تەلىم – تەربىيە ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى، مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇشى دېگەندەك بىر قاتار ھەق – ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

پائالىيەتلىرىنى تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان ئىلھام توختى، «بۆلگۈنچىلىك» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ يانۋار ئېيىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ئايلار بويىچە ئادۋوكاتى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن ۋە سوتقىمۇ تارتىلمىغان ئىلھام توختىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ئۆتكەن ئاي دۇنيا مەتبۇئاتىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئىلھام توختى ھەققىدە ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى، ھازىرغا كەلگەندە دېلونىڭ ھېچقانداق ئاقلاش سالاھىيىتى بېرىلمەستىن ئۈرۈمچى سوتىغا يوللانغانلىقىنى قەيت قىلدى. ۋەقەدىن دۆلەتنىڭ مەتبۇئات ئورگانلىرى ئارقىلىق ۋاقىپ بولغانلىقىنى، ئۆزىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئادۋوكات: «ھەقىقەتەنمۇ ئەندىكىپ كەتتىم. بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي قانۇنغا زىت» دېدى.

تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىلغان ئىلھام توختىنىڭ ئايالىمۇ ئامالسىز ئىدى...


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر