ئەردوغان، قىبرىس (سىپرۇس) مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «قىبرىس (سىپرۇس) مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغىنى، رىم تەرەپنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويىشىدۇر» دېدى.
ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىدىكى 7 – نۆۋەتلىك چەت ئەل ئەلچىلىرى ۋە ۋاكالەتچىلىرىگە بېرىلىدىغان ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىپ قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن قىبرىس (سىپرۇس)تىكى ئىككى خەلقنىڭ سىياسىي بارۋەرلىكنى ۋە ئۆزئارا چۈشۈنۈشنى ئاساس قىلغان بىر سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان سۆز قىلىپ، «بۇ جەھەتتە ھەر دائىم بىر قەدەم ئالدىدا تۇرۇش چۈشەنچىسىنى ساقلاپ كەلمەكتىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتتىنمۇ بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز، رىم تەرەپكە بۇ جەھەتتە كۈچلۈك ۋە قەتئىي بىر شەكىلدە سىگناللارنى بېرىشىدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس نامزاتى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ ئاي ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئالدىدا تۇرغان ئىتالىيەدىن نېمىلەرنى كۈتدىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.
ئەردوغان نۆۋەتچى رەئىس ئىتالىيەدىن يېڭى مۇزاكىرە ماددىلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى سۇرئىتىنى تېزلاشتۇرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇلۇق ئەزالىق باسقۇچىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پىرىنسىپىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ۋە سىياسىي ئانالىزلەر بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىنىۋاتقان توسالغۇلارغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.