ئۇيغۇر تۈركلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇنتۇمىدى

شۇ يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىىسملىرى ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدا چىققان تۇقۇنۇشتا رەسمىي مەلۇماتلارغا كۆرە 184 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 1680 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

118811
ئۇيغۇر تۈركلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇنتۇمىدى

بۈگۈن، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2009 – يىلى 5 - ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى.
شۇ يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىىسملىرى ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدا چىققان تۇقۇنۇشتا رەسمىي مەلۇماتلارغا كۆرە 184 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 1680 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ۋەقەگە 2009 – يىلى 26 - ئىيۇندا گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر زاۋۇتتا 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى سەۋەپ بولدى.
5 - ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە گۇاڭدوڭدىكى ناھەق ئۆلۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ قاتتىق قول مۇداخىلە قىلىشى بىلەن قانلىق ۋەقە يۈز بەردى.
شۇنىڭ بىلەن تىنچ نامايىش تۇقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى قەشقەرغىچە كېڭەيدى.
ۋەقەدىن كېيىن 1400 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چېتىشلىق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ناچار مۇئامىلىسى ۋە ئاسېملاتسىيە سىياسىتىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۈگۈن 2009 – يىلى 5 - ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇنيا جامائەتچلىكىنىڭ دىققىتى تارتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر