ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى

ئۇيغۇر رايونىدا مەمۇرىي خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى.

115941
ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئائىت ئوخشاش بولمىغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش چەكلەنگەن يوليورۇقلارغا ئورۇن بېرىلدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
تۇرپان شەھەرلىك سودا – سانائەت ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتا: «مەمۇرىي خادىملارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ» دېيىلدى.
رايووندىكى ھۆكۈمەت رادىيولىرىدىن بىرى بولغان بوجوۋ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىمۇ: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياشلارنىڭ رامىزان پائالىيىتىگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ» دېيىلدى.
مەركىزىي خوڭكوڭغا جايلاشقان جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇقتۇرۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. گېزىت يەنە، يەرلىك مەنبەلەردىن نەقىل كۆرسەتكەن ھالدا دائىرىلەرنىڭ رامىزان ئىچىدە ھەقسىز تاماق تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى باياناتلىرىدا، بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەرنىڭ مەمۇرىي خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز تاماقنى يېيىشكە زورلاۋاتقانلىقى ۋە ئۆيلەرنىڭ روزا تۇتۇپ – تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىني ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە سىياسىي بېسىملارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر