تاتارىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
مىننىخانوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ھەيئەتنى سانائەت رايونىدا ئادانا ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى جوش قارشى ئالدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاتارىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستاننىڭ پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ، سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئاداناغا يېتىپم بېرىپ، سانائەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.
مىننىخانوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ھەيئەتنى سانائەت رايونىدا ئادانا ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى جوش قارشى ئالدى.
مىننىخانوۋ، سانائەت رايونى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن بىر قىسىم مۇئەسسەسەلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ئادانالىق سودا – سانائەتچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان مىننىخانوۋ، ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇلغان سېلىنمىلار ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
مىننىخانوۋ كېيىنچە مەرسىنغا ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.