ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (61)

2056733
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش

(

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ھاماسقا تەۋە ئىزەددىن ئەلقاسسام بىرىگادىلىرى ۋە باشقا قارشىلىق گۇرۇپپىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە تۇيۇقسىز ھەرىكەت قوزغاپ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە دەسلەپكى زەربىدىلا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپ ئاندىن ئەسلىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن چوڭ ئۇرۇش باشلىدى. غەززەدە چوڭ ئىنسانىي پاجىئەلەر يۈز بەردى. ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلماقتا. ئىسرائىلىيە ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ مەقسىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى غەززەدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا. لىۋان لىنىيەسىدە بولسا، ھىزبۇللاھنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشى بىلەن رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە.

دەرۋەقە، 7-ئۆكتەبىر تاڭ سەھەردە، ھاماس قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىزەىددىن ئەلقاسسام ۋە باشقا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئەتراپىغا جايلاشقان ھەربىي بازىلىرىنى ئىگىلىدى. قارشىلىق گۇرۇپپىلىرى پايدىلانغان يېڭى ھەربىي تېخنىكا ۋە تاكتىكىلار ئىسرائىلىيەنى ھاڭ-تاڭ  قالدۇردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جاۋاب قايتۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. پەلەستىنلىكلەر غەززەدىن 2-3 ھەسسە چوڭ رايوننى قىسقا ۋاقىتلىق بولسىمۇ كونترۇللۇقىغا ئېلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان يەرلەردە قۇرغان ئولتۇراق رايونلىرىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىندى، نۇرغۇن كۆچمەن يەھۇدىيلار ئۆلتۈرۈلدى. پەلەستىنلىكلەر 250 ئەتراپىدا ئەسكەر ۋە كۆچمەن يەھۇدىينى ئەسىر ئېلىپ غەززەگە قايتتى. بۇلار بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت يامغۇرى ياغدۇردى.

نەتىجىدە ئىسرائىلىيە قاتتىق ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولدى. غەززە ئەتراپىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈىشى ئۇلاردا ئۇزۇندىن بۇيان ھېس قىلىپ باقمىغان بىر قورقۇنچنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا ھەربىي ياردەم باياناتىنى تېزلا جاكارلاپ، ھاۋا كۆۋرۈكى قۇرۇپ چىقىشقا مەجۇر بولدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاران قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەلىدى. ئولتۇراق رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىپ غەززەگە قارىتا ھاۋادىن ئېغىر بومباردىمان باشلىدى. نەچچە ئون يىلاردىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدا تۇرغان غەززەنىڭ سۇ، يېمەكلىك ۋە توك تەمىناتىنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاش ئارقىلىق  كوللېكتىپ جازالاشنى باشلىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلىرى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. غەززەنىڭ ئۇل- ئەسلىھەلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. بۇ يازما يېزىلىۋاتقان چاغقا قەدەر، غەززەدە 7000 دىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولدى. ئىسرائىلىيە غەززەنى ياشىغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كەلتۈرۈپ، پەلەستنلىكلەرنى سىنا يېرىم ئارىلىغا (چۆلىگە) قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەلقاسسام بىرىگادىلىرى بولسا، ئۇزۇندىن بۇيان قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىغا قارشى تەييارلىق قىلغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. غەززەنىڭ ئاستىنى نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق تونېل لىنىيەسى بىلەن قوراللاندۇرغان شۇنداقلا سىممېترىك بولمىغان كۈچ سۈپىتىدە شەھەر ئۇرۇشىنى كۈتمەكتە.

غەززە لىنىيەسىدە بۇلار يۈز بېرىۋاتقان بولسا، لىۋان چېگراسىمۇ قىزىماقتا. 7-ئۆكتەبىردىن بېرى چېگرادا ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرچە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلانمىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ھەر ئىككى تەرەپتىن داۋاملىق ئادەم ئۆلمەكتە، توقۇنۇشلار تەدرىجىي ھالدا كۈچەيمەكتە. ئىرانغا چېتىشلىق «قارشىلىق كۆرسىتىش» گۇرۇپپىلارنىڭ بىرسى بولغان ھىزبۇللاھ ئەگەر ئىسرائىلىيە غەززەگە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى باشلىسا، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇرۇشقا تولۇق قاتنىشىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالماقتا. ئىرانغا چېتىشلىق باشقا ۋاكالەتچى گۇرۇپپىلارمۇ ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە غەززەگە ۋەھشىيلەرچە بومباردىمانىنى داۋاملاشتۇرماقتا، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بىلەن تۇقۇنۇشنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكانىڭ رايونغا ئەسكەر توپلىشىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتماقتا. گىرېتسىيەدىن قىبرىسقىچە، ئامېرىكا چوڭ بىر ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى چەكسىز قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ تاجاۋۇزچىلىققا ئۈندىمەكتە. قىسقىسى، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق يېڭى بىر ئاپەتكە سۆرەپ كىرىلمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ سىرتىدا قوللىنىلماقتا. بۇ ئەھۋال ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدىغان سەلىبىي دولقۇن يارىتىدىغاندەك قىلىدۇ.

تۈركىيە بۇ رەزىل چەمبەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش تەكلىپى بىلەن مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا بايانات ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە يەنىلا مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەردوغان بىر كېپىللىك ئورگىنى قۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەكسىچە بولغاندا، ھەممەيلەن زىيان تارتىدىغان توقۇنۇشتىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ يەردە بىرىنچى بولۇپ ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيەلىك ۋە پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، غەززەدىكى مۇھاسىرىنى بىكار قىلىش، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى غەززەگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاندىن چوڭ خەلقئارالىق يىغىن تەشكىللەپ، كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتتۇرىغا قويۇش تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر