تۈركىيە-ئىراق لىنىيەسىدە ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى

تۆۋەندە ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە-ئىراق لىنىيەسىدىكى ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2133890
تۈركىيە-ئىراق لىنىيەسىدە ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى

تۈركىيە-ئىراق لىنىيەسىدە ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 22-ئاپرېلدىكى ئىراق زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى؛ زىيارەت دائىرىسىدە ئېنېرگىيەدىن ھەربىي ھەمكارلىققىچە، قاتناشتىن دېھقانچىلىققىچە بولغان 26 ساھەدە كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرىنىڭ تەرەققىيات يولى كېلىشىمى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ كېلىشىمگە تۈركىيە بىلەن ئىراقلا ئەمەس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن قاتارمۇ قول قويدى.

ئۇنداقتا تەرەققىيات يولى تۈرى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ ئۇ رايوندىكى قايسى تەڭپۇڭلۇقلارنى ئۆزگەرتىدۇ؟

تەرەققىيات يولى تۈرى دائىرىسىدە 1200 كىلومېتىر تۆمۈر يول ۋە تاشيول ياساش پىلانلانلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ سايىدا، تۈركىيەنىڭ ئىسكەندەرۇن پورتى بىلەن پارس قولتۇقىدىكى فاۋ پورتى بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ ھەمدە ئۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيا سودا لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا يولغا ئايلىنىدۇ. ئۇ دېڭىز شارائىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى رايونىنىڭ سودا ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، ئىراق بىلەن بىرلىكتە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يۆتكەشكە تېخىمۇ ئاز ۋاقىت ۋە تېخىمۇ ئاز چىقىم كېتىدۇ. تەرەققىيات يولى تۈرى يەنە تۈركىيەنىڭ «ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىش» نىشانىغىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. بۇ تۈر سايىسىدا تۈركىيە ئىراقنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ دۇنيا بازىرىغا سېلىنىشىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. بۇ تۈر يەنە، قىزىل دېڭىزدا كۆرۈلگەن كىرىزىس سەۋەبىدىن دېڭىز قاتنىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغاندىن كېيىن، سۈۋەيىش قانىلىنىڭمۇ ئاساسلىق رەقىبىگە ئايلىنىدۇ. فاۋ پورتىدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان بىر پاراخوت، سۈۋەيىش قانىلىغا سېلىشتۇرغاندا 15 كۈن تېجىيەلەيدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى پاراخوتنىڭ فاۋ پورتىغا لەڭگەر تاشلىشى پىلانلانماقتا. پورت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ «كونتېينېر پورتى» دەپ ئاتىلىۋاتقان دۇبەيدىكى جەبەل ئەلى پورتىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، تەرەققىيات يولى تۈرى بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھەمكارلىقلارنىڭ يولى ئېچىلدى. تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كەركۈك يۇمۇرتالىق نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن مەشغۇلات باشلىشىدىن ئۈمىد بار. بۇنىڭدىن باشقا، تەرەققىيات يولىغا پاراللېل ھالدا ياتقۇزۇلىدىغان تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق كەلگۈسىدە بەسرە نېفىتىنى تۈركىيەگە توشۇشنىڭ پىلانلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئىراقنىڭ ئىسپاتلانغان نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 145 مىليارد ۋارىل بولۇپ، دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ تەخمىنەن %8 ىگە ئىگە. ئىراق نېفىتى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە سۈپىتى نۇقتىسىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان نېفىتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى نەتىجىسىدە، ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا ئېقىمى توختىغان ئىراق-تۈركىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى تەخمىن قىلىنماقتا. كەركۈك يۇمۇرتالىق خام نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 70 مىليون ۋارىلدىن ئاشىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، لىنىيەنىڭ سىغىمىمۇ كېڭەيتىلىشى مۇمكىن.

تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى يىللىق 30 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سودا ھەجىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر