ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقاتما يېقىلغۇلىرى مەسىلىسىدە <بارسا كەلمەس يول> غا كىرىپ قالماقتا

كۆزنەك (40)

1993466
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقاتما يېقىلغۇلىرى مەسىلىسىدە <بارسا كەلمەس يول> غا كىرىپ قالماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقاتما يېقىلغۇلىرى مەسىلىسىدە <بارسا كەلمەس يول> غا كىرىپ قالماقتا

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقاتما يېقىلغۇلىرى مەسىلىسىدە <بارسا كەلمەس يول> غا كىرىپ قالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇدىيولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! «كۆزنەك» كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقاتما يېقىلغۇلىرى مەسىلىسىدە <بارسا كەلمەس يول> غا كىرىپ قالماقتا» دېگەن تېمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن.

:::::

ياۋروپا يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2030-يىلىغا بارغاندا تاشقاتما يېقىلغۇلىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدىغانلىقى، شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ توك سەرپىياتىنىڭ % 55 نى ئىگىلەيدىغانلىقى ۋە ئاساسلىق توك مەنبەسىگە ئايلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

«ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزەرلەر» ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياۋروپا يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، توك باھاسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، پاكىز ئېنېرگىيە لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ زور ئۆزگىرىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشى كۈتۈلمەكتە.

يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە 2030-يىلىغا بارغاندا كەم دېگەندە 55 پىرسەنت ساپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئاساسلىق توك مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، بۇ توك مەنبەسى ئومۇمىي سەرپىيات مىقدارىنىڭ % 55 نى ئىگىلەيدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقاتما يېقىلغۇلىرى مەسىلىسىدە «بارسا كەلمەس يول» غا كىرىپ قالىدىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا تەبىئىي گاز سەرپىياتىنىڭ كەم دېگەندە % 31 تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى يىللىق تەبىئىي گاز ئىستېمالىغا تەڭ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم لايىھەسىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە كەم دېگەندە 58 مىليون ئىسسىقلىق پومپىسى ئورنىتىلىشى، تەخمىنەن 29 مىليون توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يوللاردا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

پاكىز ئېنېرگىيە كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپادىكى ھەر بىر ئائىلەنىڭ ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە چىقىمىنىڭ خامچوتتىكى نىسبىتى بۇلتۇرقى % 8.6 تىن  2030-يىلىغا بارغاندا % 6.1 كە چۈشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىچە توك باھاسى % 7 تۆۋەنلەيدىكەن.

پاكىز ئېنېرگىيە كېلىشىم لايىھەسى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە كەم دېگەندە 447 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشتەك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەن.

«ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزەرلەر» ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لىندا كالچېر مەزكۇر ئانالىز ھەققىدە توختالغاندا، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن ناھايىتى زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى يېقىنقى 20 يىلدىكىدىن 3 ھەسسە تېز ئىشلىتىلىشكە باشلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا سانائەت ساھەسىسدىكى توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلماقچى بولغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇلارنى ئىستېمال قىلىش خۇددى <بارسا كەلمەس يول> غا ئوخشاش بارغانسېرى ئازايماقتا.»

«ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزەرلەر» ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نېيل ماكاروف بۇ كېلىشىمنىڭ پۇل پاخاللىقىغا قارشى گويا  قالقان رولى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بايلىقى چەكلىك بولغان بىر قىتئە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتلەرگە قارشى قويۇپ بېرىش نۆل بولۇش، بۇلغىنىش نۆل بولۇش نىشانىغا يېتىشتە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك توغرا ئىستراتېگىيەنى يولغا قويماقتا. يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم لايىھەسى گېرمانىيەنىڭ يىللىق تەبىئىي گاز ئىستېمالىغا تەڭ كېلىدىغان مىقدارنى قىسقىغىنە 7 يىل ئىچىدە ئازايتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر