باش كېپىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى (34)

1982204
باش كېپىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

باش كېپىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

كېپەك؛ تېرە قىچىشىش ۋە باش تېرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىرىنىڭ تۆكۈلۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكىدۇر. كېپەك يۇقۇملۇق كېسەل ئەمەستۇر.

باش كېپىكىنى داۋالاشتا بىمارنىڭ يېشى ۋە كېپەكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. دەرىجىسى ئېغىر كېپەك مەسىلىلىرىدە تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سوراش زۆرۈر. ئوتتۇراھال كېپەك مەسىلىلىرىدە كېپەكنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يوقىتىشقا بولىدۇ. بىراق، تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

باش كېپىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

• باش كېپىكىگە قارشى تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.

• بېسىمنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ: بېسىم چاچ كېپەك بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى. بېسىم باشلانغان پەيتلەردە ئاچچىقلىنىشنى كونترول قىلىش ئارقىلىق بەدىنىڭىزدىكى تەشۋىش ۋە بېسىمنى يوقىتىڭ.

• قۇياش نۇرىنىڭ باش كېپىكى مەسىلىسىگە بولغان ئاكتىپ تەسىرى تۈپەيلىدىن، باش تېرىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئاپتاپقا قاقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

• چاچنى ھەپتىدە 2 ياكى 3 قېتىم يۇيۇش كېرەك. چاچنى يۇيۇش جەريانىدا سوغۇق ياكى ئىسسىق سۇ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

• چېچىڭىزنى يۇيغاندا، پاكىز يۇيۇپ، سوپۇن ۋە چاچ سوپۇنلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىڭ.

• شەكىل تۈزەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەڭ: چاچ پۈركۈش، شەكىل تۈزەش سۇيۇقلۇقلىرى، چاچ كۆپۈكچىلىرى چاچ تېرىڭىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە مايلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنى خىمىيەلىك تەركىبلەر بىلەن بىللە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.

· چاچ كېپىكى ئېغىر بولغان مەزگىلدە، چاچ قۇرۇتقۇچ، تۈزلىگۈچ قاتارلىقلار ئارقىلىق چاچ تېرىسىنى ھەددىدىن زىيادە قۇرۇتۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

· ساغلام ئوزۇقلىنىڭ: تەركىبىدە سىنك ۋە ۋىتامىن B كەمچىل بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا كېپەك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېتەرلىك سىنك ۋە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىش كېپەكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ۋىتامىن A، ۋىتامىن B ۋە سىنكنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋىتامىن كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېپەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى.

• كېپەكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ قولاي چارە - تەدبىرلىرىدىن بىرى كېپەككە قارشى تەسىرى كۈچلۈك چاچ سوپۇنى ئىشلىتىشتۇر. ئەگەر چاچ مايلىق بولسا، چاچنى ھەر كۈنى چاچ سوپۇنى بىلەن يۇيۇش كېپەكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

· باش كېپىكى بار ئادەمدە مايلىق تېرە ياللۇغى ياكى كېپەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تېرە كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. مەخسۇس تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى چاچ ۋە باش تېرىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق كېسەللىككە دىياگنوز قويسا بولىدۇ.

باش كېپىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

  • تەبىئىي چاچ سوپۇنى

قايتا قوزغىلىشچان كېپەك مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېرىدىكى ماينى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان چاچ سوپۇنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر كېپەك مەسىلىسى چاچ تېرىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قۇرغاقلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، دورىلىق چاچ سوپۇنى ئىشلىتىش كېرەك.

  • ئورگانىك ئالما سىركەسى

كېپەكنى يوقىتىشنىڭ تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئورگانىك ئالما سىركەسى ئىشلىتىشتۇر. بىر قاچا سۇغا ئازراق ئالما سىركەسى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چاچنى بۇ سۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك.

  • تەبىئىي مايلار

چاچتىكى كېپەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى چاچ سوپۇنىغا تەبىئىي ئاروماتىك داۋالاش مېيى قوشۇشتۇر.

دورىلىق پىننە ئۇچۇشچان مېيى: دائىم ئىشلىتىدىغان چاچ سوپۇنىغا 20 تامچە دورىلىق پىننە ئۇچۇشچان مېيى تېمىتىلىدۇ. چاچ سوپۇنىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىشلىتىشكە باشلاپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، كېپەكلىرىڭىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.

چاي دەرىخى ئۇچۇشچان مېيى: چاي دەرىخى ئۇچۇشچان مېيىنىڭ كېپەكسىمان پەردە ياللۇغىغا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. چاي دەرىخى ئۇچۇشچان مېيىنىڭ كېپەكنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل تەمرەتكىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۈنۈمى يۇقىرى.

تېرىسى سەزگۈر كىشىلەردە چاي دەرىخى ئۇچۇشچان مېيى قىچىشقاقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى تېرىگە بىۋاسىتە سۈرۈشتىن بۇرۇن كوكۇس مېيى قاتارلىق توشۇغۇچى مايلار بىلەن سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

كوكۇس يېغى: كوكۇس مېيى كېپەك شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكروبلارغا قارشى كۈرەش قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەملىك ساقلاش خۇسۇسىيىتى تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ، ھۆل تەمرەتكە ۋە كېپەك پەيدا بولۇش ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ.

ئالوي: ئالوينىڭ مىكروب ۋە تەمرەتكەنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

باش تېرىسىنى نەمدەش ئۈچۈن گۈل مېيى بىلەن ئۇۋۇلاشمۇ پايدىلىقتۇر.

چاچ يىلتىزىنىڭ تەبىئىي نەملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەلىزگۈل سۈيىنىڭ شىپالىق رولىدىنمۇ بايدىلىنىش مۇمكىن.

  • پىرېبىيوتىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش

پىروبىيوتىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇراھال ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى باش كېپىكى مەسىلىسىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، پىروبىيوتىك قوبۇل قىلىش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، كېپەكنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدىكەن.

  • ئومېگا -3 قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش

ئومېگا -3 ياغ كىسلاتالىرى تېرە ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ تېرىنىڭ ماي ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە نەملىك ساقلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، جاراھەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللايدۇ ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئومېگا-3 ياغ كىسلاتالىرىنىڭ كەملىكى چاچ قۇرغاقلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، ھەتتا كېپەك قاتارلىق  بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سالمون بېلىقى، ترۇت بېلىقى، كۆك چىپار بېلىق قاتارلىق مايلىق بېلىقلار ئومېگا-3 ياغ كىسلاتالىرىنىڭ مۇكەممەل ئۇزۇقلۇق مەنبەسىدۇر.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىر بېلىق مېيىنى تولۇقلىما ئۇزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ ياكى زىغىر ئۇرۇقى ۋە ياڭاق قاتارلىق تەركىبىدە ئومېگا-3 مول بولغان باشقا يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  • كاربونات ياكى ئېچىتقۇ

كېپەكنى يوقىتىشقا پايدىلىق ئەمەلىي ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى ئارىسىدا ھۆل چاچ تېرىسىگە ئاز مىقداردا ئېچىتقۇ ياكى كاربونات سۈرۈپ ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھۆل چېچىڭىزغا ئاز مىقداردا كاربونات ياكى ئېچىتقۇ سۈرۈپ، بارماقلىرىڭىزنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن، چېچىڭىزنى يۇيسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر