ئاقدارمار ئارىلى ۋە ئاقدامار چېركاۋى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئاقدارمار ئارىلى ۋە ئاقدامار چېركاۋى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1904808
ئاقدارمار ئارىلى ۋە ئاقدامار چېركاۋى

ئاقدارمار ئارىلى ۋە ئاقدامار چېركاۋى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىملىرى تاغلار ۋە تىك قىيالىقلار بىلەن قورشالغان مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىغا ئىگە. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلى ھېسابلىنىدىغان ۋان كۆلىمۇ بۇ رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ دېڭىزدەك چەكسىزلىكى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ، دۇنيانىڭمۇ ئەڭ چوڭ مېنېرال سۇلۇق كۆلىدۇر.

كۆلدە تۆت ئارال بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئادىر ئارىلىدۇر. موناستىر، چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانا قالدۇقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئادەملەردىن خالىي بۇ ئارال، مىڭلارچە ئاققۇنىڭ كۆپىيىش ماكانى. ۋان كۆلىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارىلى ئاقدامار ئارىلى بولۇپ، بۈگۈن سىلەرگە ئاقدامار ئارىلىدىكى مۇبارەك كىرېست چېركاۋى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمىز. چۈنكى ۋان كۆلىدىكى بۇ چېركاۋنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئەرمەن سەنئىتىنىڭ ئەڭ ياخشى مىساللىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

* * * * *

«ئاقدامار» دېگەن ئىسىمنىڭ بۇ يەردىكى چىركاۋدا تۇرۇشلۇق راھىبنىڭ قىزىنىڭ بىر ياش بىلەن تىللارغا داستان بولغان ئىشقى – مۇھەببىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ ئارالدا ياشايدىغان راھىبنىڭ تامارا ئىسىملىك ​​بىر قىزى بار ئىكەن. ئارالنىڭ ئۇدۇلىدىكى يېزىدا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بىر ياش تۇرىدىكەن. يېگىت بېلىق تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن نەچچە سائەتلەپ سۇ ئۈزدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئارالنىڭ قىرغىقىغىچە ئۈزۈپ بېرىپ تامارانى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، كۆزلىرىنى بۇ ساھىبجامال قىزدىن ئۈزەلمەيلا قاپتۇ، تامارامۇ ئۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ. يېگىت بىلەن قىز ھەر كۈنى كەچتە دېڭىز ساھىلىدا مەخپىي كۆرۈشۈشكە باشلاپتۇ. تامارا ھەر كۈنى كۈن قايرىلغان ھامان پەنەر (چىراغ) يېقىپ قىرغاقتا ساقلاپ تۇرغان يېگىتكە ئىشارەت بېرىدىكەن. پەنەر نۇرىنى كۆرگەن يېگىت يورۇقلۇققا قاراپ ئۈزۈپ ئۆتۈپ، قىز بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ ئەھۋاللارنى بايقاپ قالغان راھىپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ –دە، قىزىنى بۇ ئىشىقى مۇھەببەت ئۆتىدىن قوتقۇزماقچى بۇپتۇ. ۋان كۆلىدە دېڭىزدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە بوران چىقىدىغان بولۇپ، شىددەتلىك دولقۇنلار كۆتۈرىلىدىكەن. ئەنە شۇنداق بورانلىق كىچىلەرنىڭ بىرىدە تامارا يېگىتنىڭ ئۈزۈپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ پەنەرنى ياندۇرماپتۇ. راھىپ پۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، دەرھال پەنەر يېقىپ قىرغاقتا ساقلاپ تۇرۇپتۇ. چىراغ نۇرىنى كۆرگەن يېگىت «تامارا مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىكەن» دېگەنلەرنى ئويلاپ، دەرھال چىراغ نۇرى تەرەپكە قاراپ ئۇزۇشنى باشلاپتۇ. راھىپ ئورنىدا جىم تۇرماستىن پەنەرنى بىردەم ئۇ ياقىغا - بىر دەم بۇ ياقىغا يۆتكەپتۇ. شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ئورۇن ئالماشتۇرۇۋاتقان چىراغ نۇرىغا قاراپ ئۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغان يېگىت «ئاھ تامارا!» دېگىنىچە سۇغا غەرق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ ئارال يېگىتنىڭ ئاخىرقى سۆزى نەزەردە تۇتۇلۇپ، «ئاھ تامارا» دەپ ئاتىلىدىغان بۇپتۇ. گەرچە ئاقدامار ئارىلىنىڭ ئىسمىنىڭ بۇ ھېكايىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمما بۇ بىر رىۋايەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس... لېكىن، ئۇ رىۋايەت بۇ ئارالدا ئەسىرلەردىن بۇيان يۈزلەرچە راھىب ئىبادەت قىلغان بىر چېركاۋنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. 1100 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ چېركاۋ بۈگۈنكى كۈندە  ئاقدامار دەپمۇ، ۋاسپۇراكان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چېركاۋنى ھەقىقىي كىرېستنىڭ بىر پارچىسىنى ساقلاش ئۈچۈن سالدۇرغان بولغاچقا، «مۇقەددەس كىرېست چېركاۋى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

* * * * *

چېركاۋ تۆت يوپۇرماقلىق بېدىنى ئەسلىتىدىغان كىرېست پىلانىغا ئاساسەن قىزىل توپا تاشتىن ياسالغان بولۇپ، سىرتىنىڭ قاپارتما شەكىللىك ھەيكەللەر بىلەن بېزىلىشى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. سىرتقى تېمىدا تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن نەقىل قىلىنغان سەھنىلەر بار. ئاقدامار چېركاۋى بۈگۈنكى كۈندە مەيلى تاشچىلىق مەيلى بىناكارلىقى جەھەتتىن بولسۇن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرمەن سەنئىتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ بىر بىناكارلىق ئەسىرى بولۇشتىنمۇ بەكرەك، «بىر زەرگەرنىڭ ئەسىرى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. چۈنكى ئاقدامار چېركاۋى ئەرمەن چېركاۋلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىل زىننەتلەنگىنى ۋە ئەڭ ھەيۋەتىلىكىدۇر.

چېركاۋنىڭ سىرتىدىكى ئېسىل نەقىشلەر ۋە تاش ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆرگەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ قاپارتمىلاردا، يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ دېڭىزغا تاشلىنىشى، قۇچىقىدا ھەزرىتىنى ئىسانى كۆتۈرۈۋالغان ھەزرىتى مەريەم ، داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ گوليات كۈرىشى، ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەۋۋا ئانانىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. كۈندىلىك ئىشلارغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەردىن ئوردا تۇرمۇشى، ئوۋ مەنزىرىلىرى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قىياپەتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىچكى قىسمىدا تام رەسىملىرى بار بولۇپ، ئەسىرلەردىن بۇيان زامان ۋە تەبىئەت يەتكۈزگەن زىيانلارنى بۇ رەسىملەردىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تام رەسىملىرىدە، ھەزرىتى ئىسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىكى كۆرۈنۈشى، كىرېستقا مىخلىنىشى ۋە قەبرىدىكى مۇقەددەس ئاياللار تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ تام رەسىملىرى رايوندىكى ئەڭ قەدىمكى مىساللارنىڭ بىرى بولغاچقا، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. مانا مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن، ئاقدامار چېركاۋى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

* * * * *

ۋان - تاتۋان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بويىدىكى بىر پىرىستاندىن قوزغالغان موتورلۇق كېمە بىلەن ۋان كۆلىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارىلى بولغان ئاقدامار ئارىلىغا بارالايسىز. بۇ ئارالدا 1100 يىلدىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان، ئەرمەن سەنئىتىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئاقدامار چېركاۋى سىزنى كۈتۈۋالىدۇ. تاش قاپارتمىلار، يىللارنىڭ ئىزلىرىنى ئوقۇغىلى بولىدىغان تام رەسىملىرى كۆز ئالدىڭىزغا نامايان بولىدۇ. ئۇ بۇ تۇپراقلارنى شەكىللەندۈرگەن موزايكا، تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر