2021 - پاتارا يىلى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 8

1722570
2021 - پاتارا يىلى

2021 - پاتارا يىلى ۋە پاتارا قەدىمكى شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلار

(گامزە دەمەچ سىبىچ)

2021-يىلىنىڭمۇ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن «پاتارا يىلى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟

پاتارا قەدىمكى شەھىرى، ئارخېئولوگىيەلىك ۋە تارىخىي قىممەتلىرىدىن باشقا، ئاقدېڭىز تاشپاقىلىرى كارېتتا-كارېتتالار مىليونلارچە يىللاردىن بۇيان تۇخۇم تۇغۇپ، كۆپىيىۋاتقان نادىر ساھىللاردىن بىرى بولۇش جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

پاتارا قەدىمكى شەھىرى قەيەردە؟

پاتارا قەدىمكى شەھىرى؛ فەتھىيە - قالقان ئوتتۇرىسىغا، شانتوس ۋادىسىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە، بۈگۈنكى ئوۋاگېلىش كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، لىكيانىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور دوكتور فاھرى ئىشىق ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەرىپىدىن 1988 - يىلدىن باشلاپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان پاتارا قەدىمكى شەھىرى، ئارخېئولوگىيەلىك ۋە تارىخىي قىممەتلىرىدىن باشقا، ئاقدېڭىز تاشپاقىلىرى كارېتتا-كارېتتالار مىليونلارچە يىللاردىن بۇيان تۇخۇم تۇغۇپ، كۆپىيىۋاتقان نادىر ساھىللاردىن بىرى بولۇش جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

پاتارا قەدىمكى شەھىرىنىڭ تارىخى:

بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىردىكى ھىتىت تېكىستلىرىدە «پاتار» دەپ تىلغا ئېلىنغان.  تەپەجىك ئاكروپولۈدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ساپال قاچا-قۇچا پارچىلىرىدا، ئوتتۇرا مىس قوراللار دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى باردۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆمۈر - تاش قوراللار دەۋرىدىن بۇرۇنقىغا ئائىت تاش پالتا، پاتارانىڭ تارىخىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شانتوس ۋادىسىدىكى دېڭىزغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر جاي بولغانلىقى ئۈچۈن، تارىخ مابەينىدە ئىزچىل مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن پاتارانىڭ لىكيا تىلىدىكى يېزىق ۋە پۇللاردىكى ئىسمى «پاتارا» دۇر.

پاتارا، 3-ئەسىردە پتولېمېي ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن لىكيانىڭ مۇھىم شەھىرىگە ئايلانغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، لىكيا سېلۇكوس پادىشاھلىقى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشقا باشلىغاندا، پاتارا لىكيانىڭ پايتەختىگە ئوخشاشلا مۇھىم شەھەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بۇ ئەھۋال، پاتارا رىمغا قارشى ئاپتونومىيەگە ۋە رودېسقا قارشى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 167/168-يىلى رەسمىيلەشتۈرۈلگەن ۋە پاتارا لىكيا بىرلىكىنىڭ پايتەختى بولغان. پايتەختتە ھېلېنىستىك دەۋرىدە سېلىنغان پارلامېنت بىناسى ۋە تىياتىرخانا قاتارلىق يادىكارلىقلار بۇ تارىخىي جەريان بىلەن پاراللېللىقنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان پاتارا، رىم ئىمپېرىيەسى ۋالىي مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرى بېجىرىلىدىغان مەركەز بولۇشتىن سىرت يەنە، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئورنىتىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان. لىكيا، مىلادىدىن كېيىنكى  43-يىلى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان. مىلادىدىن كېيىنكى 74-يىلى، لىكيا بىلەن پامفىلىيە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر ئىشىتاتقا ئايلاندۇرۇلغان ۋە پاتارا داۋاملىق پايتەخت بولغان.

ئاپوللونىڭ مۇھىم بېشارەت مەركىزى سۈپىتىدە داڭق چىقارغان پاتارا، يەنە ئانادولۇدىن رىمغا توشۇلغان ئاشلىقلار قويۇلىدىغان ۋە ساقلىنىدىغان پورت بولغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىمۇ ئەھمىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان بۇ شەھەر، خىرىستىيانلارنىڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلانغان. «مىلاد بوۋاي» دەپ ئاتالغان ساينت نىكولاس، پاتارالىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سانت. پاۋل رىمغا بېرىش ئۈچۈن پاتارادىن پاراخوت بىلەن يولغا چىققان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 325-يىلى، ئىمپېراتور كونستانتىن باشچىلىقىدىكى ئىزنىك كېڭىشىدە لىكيانىڭ بىردىنبىر ھوقۇقلۇق ئىمزاچىسى ئېپىسكوپ ئېدېموسنىڭ پاتارانىڭ ئېپىسكوپى بولۇشى، بۇ شەھەرنىڭ ئاشۇ دەۋردىمۇ داڭلىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئوتتۇرا ئەسىردە ئالاھىدىلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ قالغان پاتارا، تۈركلەرنىڭ كېلىشى بىلەن مۇھىم مەركەز سۈپىتىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن.

«زەپەر دەرۋازىسى» دەپ ئاتالغان شەھەرنىڭ ھازىرقى خارابىلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان. ئابىدە تېكىستلىرىدىن، بۇ دەرۋازىنىڭ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 100 - يىللاردا رايوننىڭ ۋالىيسى نامىدىن ياساتقۇزۇلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. دەرۋازىنىڭ غەربىدىكى تاغ باغرىدا، لىكياغا خاس قەبرىستانلىق بار. شەھەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قۇرشۇنلۇ ئېگىزلىكىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى تىياتىرخانىنىڭ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن مىلادىدىن كېيىنكى 147 - يىلى قايتا بىنا قىلىنغانلىقى، ئابىدە يېزىقلىرىدا بايان قىلىنغان. تىياتىرخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قۇرشۇنلۇ ئېگىزلىكى، شەھەرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەڭ گۈزەل بۇلۇڭدۇر. بۇ يەردىن شەھەرنىڭ باشقا خارابىلىرى؛ ۋېسپاسيان ھاممىمى، كورىنت بۇتخانىسى، ئاساسلىق كوچا، پورت ۋە ئاشلىق ئامبارلىرىنى بىمالال كۆرگىلى بولىدۇ. ئېگىزلىكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سازلىقنىڭ ئارقىسىدىكى ئاشلىق ئامبىرى، پاتارانىڭ بۈگۈنكى كۈندە ساقلىنىپ قالغان يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىمپېراتور خادىرىيان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى سابىنا تەرىپىدىن، مىلادىدىن كېيىنكى 2-ئەسىردە ياساتقۇزۇلغان. تىياتىرخانىنىڭ شىمالىغا، لىكيا بىرلىكىنىڭ پايتەختى بولغان پاتارا يىغىنلارغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان پارلامېنت بىناسى جايلاشقان. شەھەرنىڭ سۈيى،  شەرقىي شىمالدىن 20 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئىسلاملار يېزىسىغا يېقىن بولغان قىزىلتەپە ئېتىكىدىكى قىيالىقتىن كەلتۈرۈلگەن. قىيالىق بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا، فىرناز پىرىستاننىڭ شىمالىدىكى «ئەگمە بۇلاق» دەپ ئاتالغان بۆلەك بولسا، سۇ يولىنىڭ ئەڭ ئابىدە خاراكتېرلىك قىسمىدۇر.

مەنبەسى: تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىن كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر