بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كىرىزىس

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز- 6

1716848
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كىرىزىس

مۇرات يېشىلتاش

 سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن گەرچە ب د ت يەرشارىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا تېخىمۇ مەركىزى ئورۇنغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پاراللېل ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. ئامېرىكانى مەركەز قىلغان بىر قۇتۇبلۇق يەرشارى سىستېمىسىدا، ب د ت ئىستراتېگىيىلىك ئورگان بولماستىن، بەلكى «تاكتىكا ئۈسكۈنىسى» گە ئايلاندى. گەرچە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشتا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بالقان رايونىدىكى سىربلارنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي تاجاۋۇزچىلىقىغا ۋە ئافرىقىدىكى ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىگە قارىتا ئۈنۈمسىز قالدى. گوللاندىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ب د ت تىچلىقنى ساقلاش رايونىدا 8000 بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىتىلىشى، ب د ت سىستېمىسىنىڭ قانداق كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى نامايان قىىلىپ بەرگەن ئىدى. كوسوۋودا ب د ت نىڭ ئورنىغا ناتونىڭ ئارىلىشىشى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ قىرغىننچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ب د ت دىكى ۋىتو (رەت قىلىش) سىستېمىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن يۈز بەرگەن دۇنيا مىقياسىدىكى گېئوپولىتىلىق، سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى كاۋاكلىرىدىن كېلىپ چىققان يەرشارىنى باشقۇرۇش كرىزىسى بولسا، ب د ت دىكى «بۇزۇلۇشلار» نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تېخىمۇ چوڭقۇر بىر كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. ب د ت نىڭ قۇرغۇچى پەلسەپىسىگە بىۋاسىتە خىرىس ئېلىپ كەلگەن بۇ كرىزىس تەشكىلاتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ھەققىدە چوڭ سوئال پەيدا قىلدى.

قانۇنلۇق سالاھىيەت كرىزىسنىڭ تېگىدىكى مەسىلە، بارلىق جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارىماستىن، ب د ت نىڭ داۋاملىق بەش ئەزانىڭ ئالقىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بولماقتا. يەرشارى سىستېمىسى سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە ۋە بۇ ئۆزگىرىش بەش ئەزانىڭلا سۆزى ئۆتىدىغان سىستېمىنىڭ داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ مەركەزلىك خەلقئارالىق سىستېما ئۆز تەقدىرىنى بەش ئەزا دۆلەتنىڭ قارارىغا تاپشۇرۇشنى خالىمايدىغان ۋە تەرەققى قلىۋاتقان كۈچلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال ب د ت نىڭ ھازىرقى جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن يىراق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ب د ت چوڭقۇر ۋەكىللىك كرىزىسىغىمۇ دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى ب د ت مەدەنىيەت جەھەتتە كۆپ خىل بولۇشتىن يىراق، غەربنى مەركەز قىلغان خاراكتېرگە ئىگىدۇر. ئۈنۈم نۇقتىسىدىنمۇ ب د ت نىڭ ھازىرقى ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ھالغا كەلمەكتە. خەلقئارا كرىزىسلاردا ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغان، كرىزىسلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا شارائىت يارىتىدىغان ۋە كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسىنى تار مەنپەئەت ھېسابلىرىغا تاشلاپ كويۇۋاتقان بىر ب د ت مەۋجۇت. ئاشكارىلىق مەسىلىسى ب د ت دۇچ كەلگەن قانۇنلۇق سالاھىيەت مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۇسۇلى ۋە قارارلارنىڭ كرىزىسنىڭ خاراكتېرى بىلەن ماس كەلمەسلىكى ب د ت نىڭ ئوچۇق-ئاشكارە تەشكىلات بولۇشتىن تەدرىجىي يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنداق بىر قۇرۇلمىنىڭ يەر شارى سىستېمىسىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرالىشى قېيىن بولغانغا ئوخشاش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاماقتا.

 

يەر شارى سىستېمىسىنىڭ بولۇپمۇ كوۋىد 19 يۇقۇمدىن كېيىنكى باشتىن كەچۈگەن چوڭقۇر زەربىدىن كېيىن، بىزنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى خەلقئارا سىياسەتنىڭ خاراكتېرىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشنىڭ ھارپىسىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىش كۈچ تەقسىملەشنىڭ قايتا تەڭشىلىشىنىلا ئەمەس، بەلكى تارتىش كۈچى مەركىزىنىڭ غەربتىن شەرققە يۆتكىلىشىنىمۇ ئىما قىلماقتا. غەربنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئۈستۈنلىكىدە ئۆتكەن ئىككى يۈز يىللىق جۇغراپىيىلىك سىياسىي دەۋر، شەرقنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەڭپۇڭلۇقى بىلەن يېڭى بىر جۇغراپىيىلىك سىياسىي دەۋرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى مۇمكىن قىلماقتا. ھوقۇق تەقسىملەش ۋە جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەرتىپ ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىشنى تەققەززا قىلىۋاتقان، بىراق ئىلگىرىكى دەۋرلەردىن ئىنتايىن پەرقلىق ھالدا  ئارىلاشما يەرشارى سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بۇ يېڭى دەۋردە، ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش باشقا ئىشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ موھىم ۋە تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانماقتا.

يەر شارىدىكى ھوقۇق تەقسىملىنىشكە سەل قاراپ، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ۋە ئادىل ھەل قىلالمىسا ب د ت نىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت كرىزىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇ كرىزىس ھازىرقى خەلقئارا قانۇن تەرتىپىدە باشقا قائىدىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە پاراللېل قانۇن دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ئوقىدا باشقا رايون تەشكىللىرىنىڭ ئۆ ئالدىغا قارار چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ب د ت نى مەركەز قىلغان قائىدىلەرنىڭ ئورنىنى رايوننى مەركەز قىلغان قائىدىلەرنىڭ ئېلىشقا باشلىغانلىقى نامايان بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتلەر ئۈستى بىر ئورگان بولغان ب د ت نىڭ ئورنىغا باشقا رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى، ب د ت نىڭ پۈتۈنلەي يوق بولىشىغا ياكى ئۈنۈمسىز بولۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر