ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا: رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 83

1682294
ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا: رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر

تاشكەنتتە چاقىرىلغان  ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا: رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر كونفېرانسى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، تاشكەنتتە «ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا: رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر كونفېرانسى»  چاقىرىلدى. كونفېرانسقا، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل فونتېللېس، 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بىيۇروكراتلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى  مەنسۇپلىرى ئىشتىراك قىلدى. شۇنداقلا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كونفېرانسقا قاتناشتى.

كونفېرانستا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى دائىرىسىدە قاتناش، سودا، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا رايونلار ئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. كونفېرانس خىتابنامىسىدە، ئافغانىستان، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى «رايون كۆۋرۈكى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

كونفېرانس دائىرىسىدە كۆپلىگەن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۈركمەنىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تاشكەنتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، رايوندىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شۇ كۈنى تاشكەنتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئېلىزابېت شېرۋۇد-راندال بىلەن  ئوتتۇرا ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. 1 + 5 فورماتسىيەسىدىكى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسەتكەن تەسىرى تەشكىل قىلدى.

كونفېرانس دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆت تەرەپلىك مۇنبەر شەكىللەندۈرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

كونفېرانس مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تاشكەنتتە مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ئىمران خاننىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 8 كېلىشىم ئىمزالاندى. تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزبېكىستان-پاكىستان  سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. زىيارەت جەريانىدا، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىك يىغىننىڭمۇ پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر كونفېرانسقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا كەتكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن خوقەند شەھىرىگە يېتىپ باردى. خوقەند شەھىرىدە بىرقاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تاشكەنتكە ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ پىرېزىدېنت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. چاۋۇشئوغلۇ كونفېرانس دائىرىسىدە مەنسەپداشلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ھەم ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ھەمدە رايوننىڭ رېئال ئەھۋالى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشقا ئىتتىرمەكتە. مىرزىيويېۋنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن چاقىرىلغان بۇ كونفېرانس، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخىغان يىغىنلارنىڭ تېخىمۇ  كۆپ چاقىرىلىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ. كونفېرانستا ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى «رايون كۆۋرۈكى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر ساھەدە رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن  ۋە بۇ باسقۇچقا ئافغانىستاننى ئاكتىپ داخىل قىلغاندىلا ئاندىن ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر