تۈركىيە ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇرۇش ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (67)

1618056
تۈركىيە ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇرۇش ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇرۇش ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (67)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇرۇش ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان ئىقتىدارى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۈن تەرتىپ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان «SİHA» لارنىڭ يېڭى ئۇرۇش ئۇقۇمى سۈپىتىدە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى سۈرىيەدە باشلىنىپ، لىۋىيە ۋە قاراباغدا  داۋاملاشتى. «SİHA» لارنىڭ ئۇرۇشتىكى ئۇتۇقلىرى نۇرغۇنلىغان ئارمىيەلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ يېڭى ئۇرۇش ئۇقۇمىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە چوڭ خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان تۈركىيە، ھەم تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق غەيرى سىممېترىك تەھدىتلەرگە، ھەم دۆلەت جۇغراپىيەسى جەھەتتىن دۇچ كەلگەن ئەنئەنىۋى تەھدىتلەرگە قارشى يېڭى ئۇرۇش ئۇقۇمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان «SİHA» لارنى ئاساس قىلغان بۇ يېڭى ئۇرۇش ئۇقۇمى ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. «SİHA» لار «زامانىۋى ئۇرۇش ئۇقۇمىنى» نى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان بىر ئۆزگىرىشنىڭ قوزغاتقۇچىسى دەپ قارالماقتا.

تۈركىيە يېقىنقى ئون يىلدا مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «İHA» ۋە «SİHA» تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن ئىنتايىن ئىلغار قەدەملەرنى تاشلىدى. ھەم «TAI-Aselsan» قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ھەم «Baykar» قاتارلىق خۇسۇسىي شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان «ANKA» ۋە «TB2» قاتارلىق ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان سۈپىلىرى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكىنىلەر نۇرغۇنلىغان ئالدىنقى سەپ ۋە فىرونتلاردا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە باشلاندى. بولۇپمۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەم تۈركىيە ئىچىدە، ھەم ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان «SİHA» لارنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى چەكلەشنى ۋە ئاتالمىش ​​رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يوقاتتى. شۇنداقتىمۇ تۈركىيە «SİHA» لارنى مۇنتىزىم ۋە يېرىم مۇنتىزىم كۈچلەرگە قارشى سۈرىيە، لىۋىيە ۋە قاراباغدا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، دۈشمەن ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان «SİHA» لارغا جاۋاپ قايتۇرالمىغانلىقى، ھەتتا روسىيە ئىشلەپچىقارغان ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭمۇ تاقابىل تۇرالمىغانلىقى كۆرۈلدى.

 مۇشۇ قېتىمقى قاراباغ ئۇرۇشىدىمۇ «TB2» لەر ئاكتىپ رول ئوينىدى. نەچچە يۈزلىگەن ئەرمېنىيە تانكىسى ۋە برونېۋىكلىرىنى، پانتسىر ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى شۇنداقلا مىڭلىغان پىيادە ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن قاراباغدىن چېكىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «SİHA» لارنىڭ دۈشمەن ئېلېمېنتلىرىنى يوقىتىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا سىنغا ئېلىش ئىقتىدارى، تەشۋىقات ئۇرۇشى جەھەتتىمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.  

ئەمدىلىكتە ئىلغار زامانىۋى قوشۇنلار تۈركىيەنىڭ يېڭى ئۇرۇش ئۇقۇمى ۋە SİHA» لار ئارقىلىق ھەم غەيرى سىممېترىك، ھەم ئەنئەنىۋىي مۇنتىزىم دۈشمەن كۈچلىرىگە قارشى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشىنىشكە شۇنداقلا بۇ ئۇتۇقلارنى ئارمىيەلىرىگە ئۆگىتىشكە تىرىشماقتا. تۈركىيە بولسا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، «ANKA» ۋە «TB2»  قاتارلىق  ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ تېخىمۇ يوقىرى تېخنىكىلىق مودىلى بولغان «AKINCI» ۋە «Aksungur» قاتارلىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈركىيە «SİHA» تېخنىكىسى بىلەن رايوندا يۈكسەلگەن كۈچ سۈپىتىدە نامايان بولۇپلا قالماستىن، پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۈچلەرلا ئۆزگەرتەلەيدىغان سۈرىيە-لىۋىيە-قاراباغ قاتارلىق مۇھىم جەڭ مەيدانلىرىنىڭمۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر