سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (04) — مېسوپوتامىييە ۋە بابىل مەدەنىيىتى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنىداۋاملاشتۇرىمىز.

1572131
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (04) — مېسوپوتامىييە ۋە بابىل مەدەنىيىتى

ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قانداق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىگە قىزىققۇچىلار، سۇنىڭ بۇ جەرياندا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. چۈنكى سۇ ھاياتىمىز تايىنىدىغان بايلىق بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىنى تەشكىل قىلغان ئامىلدۇر.

* * * *

ئانادولۇ جۇغراپىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېسوپوتامىييە مەدەنىيەتلىرىنى بايان قىلىشنى، ئۆتمۈشنى سەيلە – ساياھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرايلى. مېسسوپوتامىيە مەدەنىيەتلىرىدە تۇپراق ئانا ئىلاھ؛ سۇ ئاتا ئىلاھ دەپ قارىلاتتى. تۇپراق تۇغقۇچى، سۇ ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى ئىدى... شۇڭلاشقا، ئۇلار ئۆز دەۋرىدە ئۇلارنى ئىلاھ دەپ قارايتتى. سۇ ۋە يەرنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ۋە زىرائەتلەردىن مول ھۇسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلاتتى... ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى تۇپراق ۋە سۇغا باغلىق ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇزۇقلىنىش ۋە پاناھگاھقا ئىگە بولۇش ئىدى... ھاياتلىقنىڭ بۇ ئىككى تەبىئىي مەنبەدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى، ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى قىلچىلىك يوقىتىپ قويمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيتتى.

* * * *

مەدەنىيەت نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىلگىرىكى مەدەنىيەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇنىڭغا يېڭىسىنى قويۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىن چېقىلىش، كۆيدۈرۈلۈش ۋە يوقىتىلىش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي يوقالمايدۇ ۋە باشقا مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇنبەت تۇپراقلاردا — مېسوپوتامىيەدىمۇ مەدەنىيەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلدى. مەدەنىيەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئەڭ مۇھىم مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتى سۇمېرلاردىن كېيىنكى ئاككادىيلار بولۇپ، ئۇلار تارىخ سەھنىسىدە ئۆز ئورنىنى ئالدى. ئاكادىيلار ئاسسۇر ۋە بابىل خەلقلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ئۇرۇشخومار دەسلەپكى دەۋر دۆلىتىدۇر. ئالدى بىلەن ئۇلار سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلەتلىرىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ، ئاندىن ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرىدۇ. سۇمېرلارغا ئوخشىمايدىغىنى، ئاكادلار كۈچلۈك مەركىزى باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئاكادلار تارىختىكى تۇنجى مەركىزىي پادىشاھلىقنى قۇرغان دۆلەت دەپ ئاتالغان. تارىختىكى تۇنجى مۇنتىزم ئارمىيە قۇرغانلارمۇ يەنە ئاكادلار... باشقۇرۇش شەكلىنىڭ بۇنداق بولۇشى ۋە خەلقىنىڭ ئۇرۇشخومار بولۇشى، ئۇلارنىڭ چېگراسىنى ئاسانلا كېڭەيتىشىگە ۋە تارىختىكى تۇنجى ئىمپېرىيەنى قۇرۇشىغا يول ئاچىدۇ.

ئاكادلار يەنە دەريالارنىڭ سودىدىكى ئەھمىيىتىنى ۋە فىرات دەرياسىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى سودا بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق قاتناش قورالى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەمما ئۇلار سودا ئارقىلىق بېيىشنىڭ ئورنىغا، باشقىچە ئۇسۇلنى قوللىنىپ، دەريا بويىدىكى ئولتۇراق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قوشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاكادلار بىر تەرەپتىن چېگراسىنى كېڭەيتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېيىيدۇ. ئۇلار يەنە ئانادولۇنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ موللىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە بۇ رايونغا يۈرۈشلەرنى قىلىدۇ.  يازما مەنبەلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار ئامانوس ۋە كۈمۈش تېغى دەپ ئاتىغان توروسنى قولغا كىرگۈزىدۇ. بۇ ئۇرۇشخومار خەلق يەنە تۇز كۆلى ئەتراپىدىكى ئاجەمھۆيۈككىچە، يەنى ئوتتۇرا ئانادولۇغىچە ھەربىي يۈرۈشلەرنى قوزغايدۇ. ئانادولۇدا ھوقۇق بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەن چوڭ بىر دۆلەت بولماستىن، بىر – بىرلىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتقان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇتۇقلۇق يۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئاكادلار رايوندىكى كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ھۆكۈمرانلىق ئاكادلار يىمىرىلگۈچە داۋاملىشىدۇ.

* * * *

بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قوراللىرىنىڭ بىرى بولغان كومپيۇتېرنىڭ ئەجدادىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما بۇ سوئالنىڭ جاۋابى چوت! رەڭلىك مونچاقلاردىن تەركىب تاپىدىغان چوت، بەلكىم كۆپىنچىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئويۇنچۇق دەپ قارايدىغان ۋە ئويلىمىغان يەردىن بىزنى ماتېماتىكا بىلەن تونۇشتۇرغان قورال بولۇشى مۇمكىن. يۆتكىلىشچان زاپچاسلىرى بار چوت تۇنجى ھېسابلىغۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا سىلەرچە نېمىشقا چوت ھەققىدە توختىتىلىشقا باشلىدۇق؟ چۈنكى چوتنى تۇنجى قېتىم بايقىغان ۋە ئىشلەتكەن مەدەنىيەت ھەققىدە سۆزلەيدىغان پەيت كەلدى. چوتنى كەشىپ قىلغان بابىللىقلار ئىدى... چوت، ساناشنى بىلمەيدىغان خەلقلەر بىلەن قىلىنغان سودىدا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئەھمىيىتىنى ئەسىرلەر بويى ساقلاپ كەلدى. يەنە كېلىپ بۇ ئاددىي ئەمما ئىقتىدارلىق قورال ماتېماتىكادا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم بولغان «نۆل» ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە بابىللىقلار ئۇ زامانلاردا رەڭلىك مونچاقلارنىڭ ئورنىغا تاش، پۇرچاق ۋە لايدىن ياسالغان ئۇرۇقلارنى ئىشلەتتى. كېيىنچە چوت خىتايلار تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

ئۇنداقتا بابىللىقلار كىملەر، ئۇلار ئىنسانىيەتكە پەقەت چوتلا سوۋغا قىلدىمۇ؟ بابىللىقلار ئاكادلاردىن كېيىن رايوندا كۈچىنى نامايان قىلغان يەنە بىر قەدىمكى مەدەنىيەت ئىدى. «باب» بىلەن «ئىلۇ» سۆزىنىڭ بىرىكىشى بولغان بابىل ئىسمى «ئىلاھنىڭ دەرۋازىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى بايان قىلىشقا بىر ئاز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى بىز بابىللىقلارغا ھەقىقەتەن كۆپ قەرزدار. بۇ مەدەنىيەتكە ۋە ئۇنىڭ بىزگە نېمىلەرنى قالدۇرغانلىقىغا بىرلىكتە قاراپ باقايلى ...

بىز چەمبەر تۇراقلىقى دەپ بىلىدىغان «3.14» نىڭ ئورنىغا ئۇلار بۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن بولغان «3.12» نى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ سان ماتېماتىكلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلار سۇغىرىش سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق يېڭى ئۇسۇللارنى بايقاپ، سۇنى ئېگىز يەرلەرگە چىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياسىغان.

   سۇمېرلاردىن مىراس قالغان ئۇچۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلەر خەرىتىلىرىنى سىزغان ھەم ئۇ خەرىتىلەرگە قاراپ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنغان بابىللىقلارنىڭ ئاسترونومىيەنىڭ ئۇلىنى سالغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئەگەر بىز «تارىختىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇنجى يازما قانۇن» دېسەك، بەلكىم كۆپىنچىڭلارنىڭ ئەقلىگە ھاممۇرابى قانۇنلىرى كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، تۇنجى يازما قانۇنلارنى سۇمېرلار چىقارغان. سۇمېرلاردىن كېيىن قۇرۇلغان بابىل مەدەنىيىتى تارىختىكى يېڭى قائىدە ۋە قانۇنلارنى چىقىرىش ئارقىلىق 282 ماددىدىن تەركىب تاپقان «تۇنجى ئاساسىي قانۇن» نى ۋۇجۇدقا چىقارغان. بابىل پادىشاھى ھاممۇرابى «قىساس ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش» دەپ ئاتالغان بۇ قاتتىق قانۇنلار بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بىرلىكى ۋە تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2 مېتىر كېلىدىغان تاشقا مىخ يېزىقى بىلەن يېزىلغان بۇ قانۇنلاردا ئىگىدارلىق قىلىش ئۇقۇمى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن... سۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان بۇ تۇپراقلاردىكى مەزكۇر قانۇندا سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ ئورۇن ئالغان.

بابىللىقلارغا كەلسەك، بابىلنىڭ ئاسما باغلىرى ۋە بابىل مۇنارى ھەققىدە توختالماي بولمايدۇ. بابىلنىڭ ئاسما باغلىرى قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. گەرچە قېزىپ تەكشۈرۈشلەردە مۇھىم بايقاشلار قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېنىق ئورنىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى بۈگۈنگە قەدەر تېپىلمىدى. مەزكۇر قېزىشلاردىكى بايقاشلار، باغلارنىڭ قاتمۇقات ئىكەنلىكى ۋە ئەگمە ئېرىقلار ئارقىلىق دەريالاردىن سۇ تارتىپ باغلارنى سۇغارغانلىقى قارىشىنى تەكىتلىمەكتە. بىز شۇ دەۋرنىڭ يازما مەنبەلىرىدىن، باغلارنىڭ ئېگىز تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقى، چوڭ ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشىگە شارائىت ھازىرلايدىغان چوڭ تۇپا ئورەكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. مەزكۇر مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، فىرات دەرياسىدىن تارتىلغان سۇلارنىڭ پومپىلار ئارقىلىق ئېگىز جايلاردىكى باغلارغا توشۇلغان، باغلار بولسا، گۈمبەز ۋە تۈۋرۈكلەردىن ياسالغان ئىدى.

بابىللىقلار بۇ ھەيۋەتلىك باغنىڭ ئىچىگە بابىل ئىلاھىغا يېتىش ئۈچۈن مۇنار سالغان، ئەمما بۇ ھەيۋەتلىك مۇنار پارسلارنىڭ ئىستىلاسى جەريانىدا ۋەيران بولغان. كېيىنكى دەۋردە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بابىلغا كەلگەندە، مۇنارنىڭ ۋەيران بولغان ھالىتىنى كۆرۈپمۇ قايىللىقىنى يوشۇرالمىغان ۋە ئۇنى رېمونت قىلىشقا مىڭلىغان ئادەمنى ياللىغان. بىز دەۋاتقان مۇنارنىڭ ئۈچ ساماۋى دىننىڭ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇنارنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما بۇ مۇنار تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان كەرىمدە ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا ئۆز ئورنىنى ئالغان. بابىل مۇنارىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكايىسى مۇنداق: ئىنسانلار خۇداغا يېتىش ئۈچۈن جەننەتكىچە سوزۇلىدىغان بىر مۇنار سېلىشنى قارار قىلىدۇ ... بۇ قارار ئىلاھنى غەزەپلەندۈرىدۇ ۋە مۇنار قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە ئوخشىمىغان تىل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدۇ. يەنى تەڭرى بۇ ئارقىلىق ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ، مۇنارنىڭ قۇرۇلۇشىغا خاتىمە بېرىدۇ. مۇنار قۇرۇلۇشىدا ئىشلەيدىغانلار ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدىغان باشقا كىشىلەرنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تارقىلىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۆزلىنىدىغان تىللار مانا مۇشۇ شەكىلدە يېيىلىدۇ. گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە ئۆزىنى نامايان قىلىش قىزىقىشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تالانت ۋە قەيسەرلىكنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن بابىل مۇنارىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر