دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلگەن قىزىل كارتا...

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلگەن قىزىل كارتا» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1432300
دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلگەن قىزىل كارتا...

دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم بىر تۈرك رېپىرنىڭ قىزىل كارتا كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

خەلقئارا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان تۇنجى تۈرك رېپىر دوغان باباجاندۇر. رېپىرلىق ھاياتىنى، 1955-يىلى باشلىغان باباجان،  1974-يىلى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ۋەزىپە ئۆتىدى. خەلقئارا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدا قىزىل كارتا ئىشلىتىش تۈزۈمى 1970-يىلى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇ يىلى رېپىرلار پۇتبولچىلارغا قىزىل كارتا كۆرسەتمىگەنىدى.

1974-يىلى ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم غەربىي گېرمانىيە-چىلى مۇسابىقىسىدە قىزىل كارتا كۆرسىتىلدى. دوغان باباجان، چىلى پۇتبولچىسى كارلوس كاسزېلىغا قىزىل كارتا كۆرسىتىپ، دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قىزىل كارتا كۆرسەتكەن رېپىرغا ئايلاندى. مەزكۇر مۇسابىقىدە ئەنگلىيەلىك رېپىر جەك تايلور باباجاننىڭ ياردەمچىسى بولغانىدى.

باباجان 1975-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە، 1974- ۋە 1977-يىللىرى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە، 1978-يىلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلدى. ئۇ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە 10 يىل بويىچە رېپىرلىق قىلدى، 1978-يىلى رېپىرلىقتىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر