يۈرەككە ئوپېراتسىيە قىلىپ نەيچە تاقاش ئۇسۇلىغا خاتىمە بەرگەن تۈرك ئالىم - چىلىنگىرئوغلۇ

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «مەھمەت چىلىنگىرئوغلۇ» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1356393
يۈرەككە ئوپېراتسىيە قىلىپ نەيچە تاقاش ئۇسۇلىغا خاتىمە بەرگەن تۈرك ئالىم - چىلىنگىرئوغلۇ

يۈرەككە ئوپېراتسىيە قىلىپ نەيچە تاقاش ئۇسۇلىغا خاتىمە بەرگەن تۈرك ئالىم - چىلىنگىرئوغلۇ

يۈرەككە ئوپېراتسىيە قىلىپ نەيچە تاقاش ئۇسۇلىغا خاتىمە بەرگەن چارىنى بىر بىر تۈرك ئالىمنىڭ تېپىپ چىققانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشايدىغان تۈرك پەن – تەتقىقاتچى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت چىلىنگىرئوغلۇنىڭ، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كەشپ قىلغان ئوپتىكىلىق رېنتىگىنگە سېلىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ يۈرەك تومۇرلىرىدىكى ئىتىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى بىمارنىڭ بەدىنىنى ئوپېراتسىيە قىلماستىنلا داۋالىغىلى بولىدۇ. ئوپتىكىلىق سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى تومۇرنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ناھايىتى ئەتراپلىق شەكىلدە سۈرەتكە ئېلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، يۈرەك سانجىقى خەۋپىگە ئالدىنئالا دىياگنوز قويالايدۇ.

پىروفېسسور دوكتور مەھمەت چىلىنگىرئوغلۇ ياراتقان يەنە بىر يېڭىلىق نانوتېخنولوگىيەسىگە تايىنىپ ياسالغان بىر خىل مىكرو تىپلىق چىپ بولۇپ، ئۇ بىلەكتىكى تومۇرنىڭ ئۈستىگە تېرىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كېسەلنىڭ پۈتۈن قان كۆرسەتكۈچلىرى، ئوكسېگىن سەۋىيەسى، قاندىكى شىكەر، قان بېسىمى ۋە كۈنلۈك يۈرەك رىتىمى ئۇچۇرلىرىنى بىۋاسىتە ھالدا يانفونغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

 پىروفېسسور دوكتور مەھمەت چىلىنگىرئوغلۇ، كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش توغرىسىدىكى مۇشۇنداق مۇھىم ئۇتۇقلىرىغا قارىماي، كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي تاماكا چەكمەسلىكنى، تېز تاماق ئارقىلىق ئۇزۇقلىنىشتىن ساقلىنىشنى، ئاقدېڭىز دىيەتىگە كىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى؛ چوقۇم ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىجابىي ئويلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر