23 – ئاپرېل... تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى مىللىي بايرىمى

تۆۋەندە دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «23 – ئاپرېل» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1188064
23 – ئاپرېل...  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى مىللىي بايرىمى

23 – ئاپرېل... تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى مىللىي بايرىمى

23 – ئاپرېلنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى مىللىي بايرىمى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

23 – ئاپرېل ئۇزۇن يىللار بويىچە بىر – بىرىدىن ئايرىم ئىككى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەندى. بۇ بايراملارنىڭ بىرىنچىسى 1920 – يىلى 23 – ئاپرېل تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىشى تەبرىكلىنىدىغان مىللىي بايرام ئىدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 1921 – يىلى قارار ماقۇللاپ، پارلامېنت ئېچىلغان كۈننى مىللىي بايرام، دەپ ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 23 – ئاپرېل تۈركىيەنىڭ تۇنجى بايرىمى بولدى. 1923 – يىلىدىن باشلاپ «مىللىي ھاكىمىيەت» بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلاندى.

بايراملارنىڭ يەنە بىرى بولغان بالىلار بايرىمى بولسا، رەسمىي بايرام چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا راۋاجلانغانىدى. ھىمايەئى ئەتفال جەمئىيىتى (بالىلارنى ئاسراش جەمئىيىتى) يېتىم بالىلارغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 23 – ئاپرېل ۋە شۇ ھەپتىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. 1927 – يىلى مەزكۇر جەمئىيەت قارار ماقۇللاپ، 23 – ئاپرېل بالىلارنى كۈنىنى بالىلار بايرىمى دەپ ئېلان قىلدى ۋە بالىلار بايرىمى جۇمھۇر رەئىس ئاتاتۈركنىڭ ھىمايىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلەندى. 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمىنىڭ رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى شەكلىدە تەبرىكلىنىشى 1933 – يىلى باشلاندى.

1980 – يىلى 23 – ئاپرېلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بارلىق ۋىلايەتلەردىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن دۆلەتلىك بالىلار پارلامېنتى تەشكىل قىلىندى. شۇ يىلى ت ر ت، مۇراسىملارغا قوشنا دۆلەتلەردىن بالىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بالىلار بايرىمىنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە تەبرىكلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 1981 – يىلى كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى دەپ قوبۇل قىلىندى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر