ئىراق كۈرتلىرىنىڭ (كورد) مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ كۈرت (كورد)لارنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش توغرۇلۇق ئېلىپ بارغان ئانالىزى

796165
ئىراق كۈرتلىرىنىڭ (كورد) مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش

بۇ يىل7-ئىيۇندا  ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باشلىقى مەسۇت بارازانى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دائېشنىڭ مۇسۇلنىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى، راققە ھەربىي ھەرىكىتى، ئىدلىب ۋە قاتار  مەسىلىلىرىدىن كېيىن دۇنيانىڭ دىققەت ئېتبارى بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىغا بۇرالداى.

 ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باغداد  ھۆكۈمىتى ۋە  رايون دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنىڭ ئەكسىچە، مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

رېفېراندۇمدا مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز چىققان تەقدىردە  ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى دەرھال مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلالمايدىغانلىقى، رايونلۇق ھاكىمىيەتنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزىدۇ؟ بۇ قايسى شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى؟

رېفېراندۇمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى رايوندا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟

رېفېراندۇم قارارىغا قايسى دۆلەتلەر قارشى چىقىدۇ؟ قايسى دۆلەت ۋە كۈچلەر قوللايدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر