ھەلەبنى ئېلىش ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىر چىقىش يولىمۇ؟ | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ھەلەبنى ئېلىش ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىر چىقىش يولىمۇ؟» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

634500
ھەلەبنى ئېلىش ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىر چىقىش يولىمۇ؟ | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن سەككىز ئايچە مۇقەددەم سۈرىيەلىك دوختۇر ئۇسامە ئەبۇلئېز، «ھەلەبتە نۆۋەتتە تاۋۇت قىسىنچىلىقى باش كۆتۈردى» دېگەنىدى.

2016 – يىلى ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلىرىدا ياشاشنىڭ ئۆلۈم بىلەن سەپەرداش بولۇشتىن پەرقى يوق ئىدى. بۇ نۇقتىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا مۇھىم ئۇچۇرلار بار ئىدى. ئۇنىڭدا رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى ھاۋا كۈچلىرىنىڭ قەستەن شۇنداقلا سىستېمىلىق ھالدا دوختۇرخانىلار بىلەن سەھىيە مەركەزلىرىنى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى. ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى سىستېمىلىق ھالدا دوختۇرخانا ۋە داۋالاش مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەھىيە ئورۇنلىرى بىلەن ئۇ يەرلەردە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى – خادىملارغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇملار، ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىقى ئايرىم بىر مەسىلە ئىدى.

دوختۇرخانىلار، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ۋە ئىچىملىك سۈيى ئورۇنلىرى ئىزچىل ھالدا رۇس ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى نىشانى بولۇپ كەلدى. بۇنداق قىلىشتىكى غەرەز بولسا، ھۇجۇمغا دۇچار بولغان شەھەر ئاھالىسىنى ئۇ يەرنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت ئىدى.

يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە سۈرىيەدە يۈزلەرچە دوختۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى. «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن دوختۇرلار» ناملىق بىر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 2016 – يىلى ئاپرېل ئېيىغىچە بولغان يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە 730 ئەتراپىدا دوختۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ جەرياندا يەنە، 269 سەھىيە ئورگىنى جەمئىي 382 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن تارتىپ دېكابىر ئېيىغىچە بولغان جەرياندا بولسا،  سەھىيە ئورۇنلىرى يەنە 54 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى. سانلىق مەلۇماتلار، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ قىل سىغمايدىغان دەرىجىدە مۇنتىزىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ ھەپتە شەرقىي ھەلەب پۈتۈنلەي ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەت نامىدىن سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان غەرب دۇنياسنىڭ ئېغىر جاۋابكارلىقى بار. غەربنىڭ سۈرىيە مەغلۇبىيىتى شۇنچىلىك ئېنىق ۋە روشەنكى، پارلامېنتلاردىمۇ ئېنىق ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەنگلىيەنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى ۋە كونسېرۋاتىپ پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جورج ئوسبورن بۇ ھەپتە ئاۋام پالاتادا سۆز قىلىپ، دۆلىتى ۋە غەرب دۇنياسى نامىدىن تۆۋەندىكى تەنقىدىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى: «ئەگەر سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلاردا جاۋابكارلىقىمىز يوقلۇقىغا ئىشىنىدىغان بولساق، بۇ پارلامېنتتىكى كىشىلەر ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز. ھەلەب تىراگېدىيەسى غەرب، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى ياراتقان بىر بوشلۇقتا ئوتتۇرىغا چىقتى.»

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسىدىكى سۈرىيەگە ئالاقىدار بىر يىغىندا سۆز قىلغان گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى نوربېرت رۆتگېن، «ھەلەب، غەرب تاشقى سىياسىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ پالاكىتىنىڭ سىمۋولىدۇر» دېگەنىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار سادىر قىلغان قىرغىنچىلىقنى ئىككىنچىلەپ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن «قەتئىي تەكرارلانمايدۇ» دېگۈچىلەر، سۆزلىرىنى تېزلا ئۇنتۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار، پەلەستىندە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا، رىۋاندادا، ھەلەبچەدە ۋە ئاخىرىدا سۈرىيەدە يۈز بەردى. 2013 – يىلى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىگە قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەندە ئېلان قىلىنغان قىزىل سىزىقلاردىن خېلىلا ھالقىپ كېتىلگەنىدى. لېكىن، غەرب دۇنياسى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارشى تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. تېخىمۇ يامىنى، رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئويۇن پىلانى ئىچىدە ئويۇن ئويناشنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئەھۋال، شۇ كۈندىن بۇيان يۈز بەرگەن پۈتكۈل ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى.

ھەلەب، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بەرگەن ياردەم سايىسىدا پۈتۈنلەي ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. لېكىن بۇ ئەھۋال، ھاكىمىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ھەلەبنىڭ قولدىن كېتىشى رۇسىيەنىڭ ياردىمىدىن باشقا ئىران كونتروللۇقىدىكى چەت ئەللىك قوراللىقلار، ئىراقتىن كەلگەن قوراللىق كۈچلەر ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا روياپقا چىقتى. ھالبۇكى، ھاكىمىيەت ھەلەبنى بالدۇرراق قولغا كىرگۈزۈشكە مەركەزلىشىپ، پالمىرانى قايتىدىن دائېشقا تارتقۇزۇپ قويدى.

سۈرىيەدە ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىنمۇ بەك سىياسىي جەھەتتىن پارچىلانغان، يىمىرىلگەن بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن، تۆت دۆلەتتىن كەلگەن تاشقى ياردەم سايىسىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ھاكىمىيەت ھۆكۈم سۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان سۈرىيەدە، دۆلەت پەقەت بىر خىيالدىنلا ئىبارەتتۇر.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىنىڭ ئەكسىچە، ھەلەب ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈلمىدى. ئۇ يەردە بولۇپ ئۆتكىنى، چەت كۈچلەرنىڭ  سۈرىيە شەرىىنىڭ بىر رايونىنى خانۇ – ۋەيران قىلىشىدىن ئىبارەت ئىدى. ھەلەب ۋەقەسىدىن كېيىن ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسلىقى پارتىزانلىق ئۇرۇشى شەكلىدە داۋاملىشىشى كۈچلۈك ئېھتىماللىقتۇر. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسى بولمايدىغان بۇ كۈرەش شەكلىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ھاكىمىيەتنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئادەم كۆپەيتىپ بېرىش رولىنى ئوينىشىنىڭ ئېھتىماللىقى بار.

سۈرىيەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەب بولدى. يەنە كېلىپ، مىليونلىغان كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىندى. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، ھاكىمىيەت داۋاملاشتۇرىدىغان تەلۋىلەرچە بېسىم يېڭى قارشىلىق كۆرسىتىش شەكىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا كۈشكۈرتكۈچى رول ئوينايدۇ. بۇ قارشىلىقنىڭ 1982 – يىلىدىكى ھاما قارشىلىقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلىدى. چۈنكى، نە ھاكىمىيەت 1982 – يىلىدىكىگە ئوخشاش كۈچلۈك ئەمەس، نە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە پەقەت بىرلا شەھەرنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن ھەل بولىدىغان ھالدا ئەمەس. چەت كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولسا، ئىزچىل ھالەتتە بىر خىل تۆۋەن كۆرۈلۈشنىڭ خاتىرىلەتكۈچىسى بولۇپ قالىدۇ.

شۇڭا، سۈرىيەدە پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش روياپقا چىقماي تۇرۇپ، مەۋجۇت ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى مەسىلە پەيدا قىلغۇچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر