تۈرك دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىنى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە.

407283
تۈرك دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىنى 3 – 4 – دېكابىر كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلدى. قازاقىستان پارلامېنت باشلىقى قابىبۇللا جاكۇپوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان يىغىنغا قىرغىزىستان پارلامېنت باشلىقى ئاسىلبەگ جېنبېكوۋ، ئەزەربەيجان پارلامېنت باشلىقى ئوكتاي ئەسەدوۋ، تۈركىيە مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئاھمەت ئايدىن، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىدىن مارتا ماتراي، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى «بۈيۈك يايلاقتا دۆلەت ئەنئەنىسى ۋە پارلامېنتىزم» سەرلەۋھىلىك كونفېرانس ئۆتكۈزۈلدى. كونفېرانستا پارلامېنت باشلىقلىرى ۋە مېھمانلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
كونفېرانستىن كېيىن 4 دۆلەتنىڭ پارلامېنت ۋەكىللىرى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا قازاقىستان پارلامېنت باشلىقى قابىبۇللا جاكۇپوۋ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئوكتاي ئەسەدوۋدىن ئۆتكۈزۈۋالدى. جاكۇپوۋ نۇتىقىدا، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى نوپۇزىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئانسامبىلىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بولۇپمۇ كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئورتاق ساھەلەر ئۈستىدە بىرقاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. يىغىندا ئورتاق تۈرك فوندىنىڭ قۇرۇلۇشى، 2017 – يىلى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا يەنە، بۇ يىل قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلاملىرى، قازاقىستاندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى كۆزەتكۈچى ھەيئەتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى سۇنۇلدى. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ 2016 – يىللىق خام چوتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندىن كېيىن ئاستانە خىتابنامىسى قوبۇل قىلىندى. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنى 2016 – يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بىشكەكتە چاقىرىلىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى 2008 – يىلى 21 – نويابىر كۈنى «دولماباھچە سارىيى» دا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە پارلامېنت باشلىقلىرى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن قۇرۇلغانىدى. تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستان تېخىچە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ ئەزاسى بولماسلىقى تەشكىلاتنىڭ ئەڭ چوڭ نۇقسانلىرىدىن بىرىدۇر.
يىغىندا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش، ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئالدىنقى سەپ تەمىناتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش قارار قىلىندى، ئەمما تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىدە چاقىرىق قىلىنمىدى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىغا كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇشى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنمىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە يىغىنغا مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىغا ئەزا دۆلەتلەر ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاموژنا ساھەلىرىدە ئورتاق خىزمەت ئىشلەشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. بۇرۇنمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكىمىزدەك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىىدىن بىرى بولغان ئورتاق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنىڭ ئاساسى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىدا تۇرغۇزۇلۇشى مۇمكىن. تەشكىلاتنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزالىق مەسىلىسى ھەمىشە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشى لازىم.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر