تۈركىيە 2015 گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى

تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015 گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى توغرىسىدا ئانالىز

420328
تۈركىيە 2015 گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى

تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان 2015 گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى، 15-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە ئانتاليانىڭ بەلەكتە مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە يىغىن بەلگىسىنى ئەنئەنىۋى موتىفلىرى بىلەن بېزەپ چىقتى، پائالىيەتلەر ۋە مۇراسىملارنى ناھايىتى تەشكىللىك ھالدا ئۇيۇشتۇردى، تۈركىيە يىغىن جەريانىدا ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەشكىللىك پائالىيەتلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. 2015 گ-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئادەتتىكى گ-20دۆلەت گۇرۇھى يىغىنلىرى سۈپىتىدە ئەمەس، خەلقئارا كۈنتەرتىپى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن بىرلىكتە تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ. دەرۋەقە، يىغىن تەييارلىقلىرى باشلىنىپ يىغىن باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئىككى مۇھىم ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. گ-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى كۈنتەرتىپى ۋە نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ۋەقەدىن بىرى 132 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان دائېش ئەزالىرىنىڭ پارىژدا سادىر قىلغان قانلىق ھۇجۇمى بولسا، يەنە بىرى سۈرىيە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ۋىيانا كېلىشىمى ئىدى. گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى خىتابنامىسى بىلەن لىدەرلەر ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۆۋەندىكى تۆت مەسىلە كېڭەش قىلىندى.
1- دائېش تەشكىلاتىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. پۈتكۈل لىدەرلەر بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پىرىزېدېنت باراك ئوباما، يىغىن مەزگىلىدە فىرانسىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان پىرىزېدېنت ئولاند، دائېشنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ۋە بىرلىكتە كۈرەش قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
2- سۈرىيە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىش ئۈچۈن ۋىيانا كېلىشىمىنى يولغا قويۇشتا ھاسىل قىلىنغان بىردەكلىك. بارلىق لىدەرلەر سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن 6 ۋە 18 ئايلىق ۋاقىتلىق مەزگىل نەتىجىسىدە يېڭى سۈرىيە قۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتى. يىغىندا بىر مەسىلە مەۋھۇم قالغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ يېڭى سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ ئورنى مەسىلىسى ئىدى. ئەردوغان بىلەن ئوباما يېڭى سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ ئورنىنىڭ يوقلىقى بىردەك تەكىتلەشتى. رۇسىيە ئەردوغان بىلەن ئوبامانىڭ بۇ پىكىرىگە قارشى بولسىمۇ، پۇتىن ياكى رۇس دائىرلىرى ئەسەدنىڭ يېڭى سۈرىيەدە ئورنىنىڭ بار يوقلىقى مەسىلىسىدە ئېنىق بايانات بەرمىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بەششار ئەسەدنىڭ يېڭى سۈرىيەدە ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ھەقىقەتەن تەس.
3- مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ياردەملەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان بىردەكلىك. مۇساپىرلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق، دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتۇشى ۋە تېررورىزمغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى لازىملىقىنى ھەممە دۆلەت بىردەك قوبۇل قىلىشتى.
4- دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇۋازىنەتلىك زورىيىش، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى، ئىشسىزلىق ۋە خىزمەت شارائىتى بەرپا قىلىش، تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشتا ھاسىل قىلىنغان بىردەكلىك. بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئاجىزلارغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلىرى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدىكى توسالغۇلار ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر كېڭەش قىلىندى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامازان گۆزەننىڭ مەسىلە ھەققىدە ئانالىزىنى دىققىتىڭلار سۇنىمىز.
گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىدىن باشقا تۈركىيەنىڭ يىغىندىكى گەۋدىلىك ئىپادىلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. بۇ نوقۇل ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ دۇنيانىڭ غوللۇق ساياھەت مەركەزلىرىدىن بولغان ئانتاليادا چاقىرىلىشى، تۈرك ئەنئەنىسى ۋە موتىفلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، مېھماندوستلۇقنىڭ نامايەن قىلىنىشى ئەمەس ئىدى، ھەممىدىن مۇھىمى تۈركىيەنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنغا ۋە يىغىن خىتابنامىسىگە قىسمەن بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى ئىدى. بۇلارنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت مەسىلە ئۈستىدە كۆرۈۋالالايمىز.
مەسىلەن، تۈركىيە ياقىلغان «تېررورنىڭ دىنى، تىلى، رەڭگى، مىللىتى، ئىرقى بولمايدۇ، تېررور تېروردۇر» دېگەن قارىشى يىغىن خىتابنامىسى ۋە لىدەرلەرنىڭ قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. دائېشنىڭ كوللېكتىپ، دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى بۇنىڭ تۇنجى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەنىڭ گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قوشقا يەنە بىر تۆھپىسى، دۇنيا ئىقتىسادىدا تاشلىنىشقا تىگىشلىك قەدەملەرگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى ئىدى. تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈچ جەھەتتە پىكىر-تەكلىپ بېرىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. «كەڭ دائىرلىك» «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «سېلىنمىلار» بولۇپ ئۈچ جەھەتتىن دۇنيا ئىقتىسادىنى پەرقلىق نۇقتىئىنەزەر تەھلىل قىلدى. بۇ مەقسەتتە تۈركىيە B20- سودا-سانائەتچىلىرى، C20- ئاممىۋى ساھە، W20- ئايال، Y20-ياشلار، L20-ئەمگەك كۈچى ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن باشقا، W20-ئايال گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان. يىغىن خىتابنامىسىدە پۈتكۈل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە دۇنيا ئىقتىسادىكى تەڭسىزلىكىنى يوق قىلىش جەھەتتە تەۋسىيەلەر ۋە پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى مەسىلە بولسا «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» بولۇپ، گ-20 دۆلەت گۇرۇھى قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ ۋە تۈركىيە يىغىندا بېرىلگەن ۋەدەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۈچىنچى تەكلىپ بولغان «سېلىنمىلار» مەسىلىسى بولۇپ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە، خىزمەت، مۇۋازىنەتلىك زورىيىش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ساھەلىرىدە مەبلەغ سېلىشنى مەزمۇن قىلىدۇ. تەخمىنلەرگە قارىغاندا، دۇنيادا ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن 2020-يىلغىچە 4 تىرىليون 400 مىليارد دوللار كېتىدۇ.
گ-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنلىرى ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇنداق بىر مەسىلە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئەزا دۆلەتلەر بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بولۇشىدۇر. تەخمىنلەرگە قارىغاندا، گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ %40-%45ى ئاران ئەمەلىيلىشىدۇ. گ-20دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىر ئىجرا قىلىش ۋە تەپتىش كۈچى بولمىغانلىقتىن، ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن قارارلار يا بىكار بولۇپ كېتىدۇ ياكى كېيىنكى يىغىنلارغا قالدۇرۇپ قويۇلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەر، دۇنيانىڭ ئىسسىپ كېتىشى، يادرو قوراللاردىن خالىي بولۇش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى، گ-20دۆلەت گۇرۇھى تىپىك دۆلەتلەر ئارا قۇرۇلمىشىش بولۇپ، مىللىي دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەر كۈنتەرتىپىگە يا كىرگۈزمەيدۇ يا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇنداقلا، گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتلىرى، دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا يا پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىدۇ ياكى تىگىشلىك بولغان ئىنكاسلارنى قايتۇرمايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ۋە توسالغۇلار سەۋەبىدىن گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ناھايىتى پاسسىپ ھالەتتىكى قۇرۇلمىدۇر. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى گ-20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئەزالىرىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش كۈچىنىڭ بولماسلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش سېكرىتارلىقى، راسخوتى ۋە باشقا قۇرۇلمىلىق ئورگانلىرىنىڭ بولماسلىقىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر